ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

رەئىس خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتونغا يېتىپ بېرىپ ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2011-يىلى01-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
  ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدىن دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى قارشى ئالماقتا      شىنخۇا تورى ۋاشىنگتون 18–دېكابىر تېلېگراممىسى :  جۇڭگو دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ تەكلىپى بىلەن 18–دېكابىر ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ بېرى
  
 
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدىن دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى قارشى ئالماقتا
 
   شىنخۇا تورى ۋاشىنگتون 18–دېكابىر تېلېگراممىسى : جۇڭگو دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ تەكلىپى بىلەن 18–دېكابىر ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ بېرىپ ، ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى .

   شۇ يەر ۋاقتى سائەت 16 ئەتراپىدا ، خۇ جىنتاۋ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ۋاشىنگتوننىڭ ئاندرېۋس ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قوندى ، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدىن ئايرودرومغا چىقىپ رەئىس خۇ جىنتاۋنى كۈتۈۋالدى .

   خۇ جىنتاۋ ئايرودرومدا سۆزلىگەن يازما نۇتقىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى : جۇڭگو–ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يىراق ، ئەمما بىپايان تىنچ ئوكيان ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ . دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 32 يىلدىن بۇيان ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم تەرەققىي قىلماقتا . ئىككى دۆلەتنىڭ كەڭ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئاسىيا شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچ ، مۇقىم ، تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى .

   خۇ جىنتاۋ : ‹‹ نۆۋەتتە ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ناھايىتى مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ . جۇڭگو – ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى كېڭەيدى ، زېممىسىگە ئالىدىغان ۋەزىپىسىمۇ ئېغىرلاشتى ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى پارلاق ›› دەپ كۆرسەتتى .  ئۇ يەنە  : ‹‹ بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ مەقسىتى ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىپ ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، 21 – ئەسىردە ئىجابىي ھەمكارلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلغان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ›› دېدى . ئۇ يەنە  زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو –  ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى دوستلار بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

   خۇ جىنتاۋ يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى : ‹‹ جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام ، مۇقىم تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھەمدە دۇنيانىڭ تىنچلىقى بىلەن تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق . جۇڭگو تەرەپ ، ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىنچ  ، ئورتاق گۈللەنگەن ، ئىناق دۇنيا قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ ›› .

   ۋاڭ چىشەن ، لىڭ جىخۇا ، ۋاڭ لۇنىڭ ، دەي گوبىڭ قاتارلىقلار رەئىس خۇ جىنتاۋغا ھەمراھ  بولۇپ ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلدى .

   جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ يېسۈيمۇ ئايرودرومغا چىقىپ قارشى ئالدى .

  شۇ كۈنى كەچتە خۇ جىنتاۋ زۇڭتۇڭ ئوباما ئۆتكۈزگەن كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى .

( مۇھەررىر : مەريەمگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!