19-دېكابىر خەۋرى، موسكۋا ساقچىلىرى 18-دېكابىر 808 نەپەر قانۇنسىز نامايىش ئىلىپ بارغۇچىنى قولغا ئالغان بولۇپ، 16-دېكابىر، موسكۋادا مىللىي مەسىلە توغرىسىدا كەڭ كۆلەملىك قوراللىق ئۇرۇشۇش ۋەقەسى كېلىپ چىققانلىقتىن مىڭغا يېقىن كىشى قولغا ئېلىنغانىدى.
موسكۋا ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارلىشىچە، نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ يېنىدا «قۇرال» قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان بويۇملار بولۇپ، 18-دېكابىر ئەتىگەندە ساقچىلار 500 گە يېقىن كىشىنى قولغا ئالغان ئىكەن. موسكۋادا يۈز بەرگەن بۇ قېتىملىق مىللىي مەسىلىگە يەرلىكتىكى بىر پۇتبول مەستانىسىنىڭ ئېتىلغانلىق ۋەقەسى سەۋەپچى بولغان بولۇپ، بىر قىسىم قىزىق قان ياشلار ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارنى كاۋكازلىقلار ۋە بىر قىسىم كۆچمەنلەر قىلدى، دەپ پەرەز قىلغان. 16-دېكابىر، موسكۋادا «مىللىي رادىكال» لار بىلەن كاۋكازلىقلار ئارىسىدا ئېغىر توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ساقچى تەرەپ شۇ سەۋەپتىن 1000 غا يېقىن ئادەمنى قولغا ئالغان.