‹‹ قانۇنچىلىق كەچلىك گېزىتى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 18–ئۆكتەبىر تارقىتىلىدىغان ئامېرىكا ‹‹ دەۋر›› ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ ئاسىيا نەشىرىدە ، جۇڭگو گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ سۈرىتى ژۇرنال مۇقامىسىغا بېسىلغان ھەمدە نۆۋەتتىكى ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ جۇڭگو خەلق پۇلىغا بولغان بېسىم ئىشلىتىش ھەرىكىتىگە نەزەر سېلىنغان .
بۇ زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ سۈرىتىنىڭ ‹‹ دەۋر›› ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا تۇنجى قېتىم بېسىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ ماقالىنى ئىلگىرى زۇڭلى ۋېن جياباۋنى ئىككى قېتىم مەخسۇس زىيارەت قىلغان CNN (ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى) نىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى زاكارىيا يازغان بولۇپ ، ئۇ ماقالىسىدە ئامېرىكىنى ئۆز خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ياخشى بولماسلىق مەسئۇلىيىتىنى جۇڭگوغا ئارتىپ قويماي ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى مەسلىسىگە ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىشقا دەۋەت قىلغان .
‹‹ دەۋر›› ژۇرنىلىدىكى ماقالىدە : 29–سېنتەبىر ، ئامېرىكىدىكى دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئاۋام پالاتادا ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئاۋاز سانى بىلەن ‹‹ خەلق پۇلى قانۇن لايىھەسى›› نى بىرلىكتە قوللاپ ، تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن پېرېۋوت نىسبىتىنى ئېكسپورت ياردىمى قىلىپ ، مەمۇرىي تارماقلارغا جۇڭگوغا ئېكىسپورت قىلىنىدىغان ئامېرىكا تاۋارلىرىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بېجى ئېلىش ھوقۇقى بېرىلدى ، دېيىلگەن .
ھەممە كىشلەر دېگۈدەك : بۇ ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغان سېرىق ئالتۇن پۇرسىتىگە زەربە بەرگەنلىك ، بىراق ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس . بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ قىلچە قىممىتى يوق بولۇپ ، ئۇ ئامېرىكا ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلغان بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ . كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى ، بۇ ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش كەيپىياتىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ، دەپ قاراشقان .
تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، پەقەت پۇلنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈشكە تاينىپلا ، ئامېرىكىدىكى ئۆزىدە بار بولغان مەسلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ . 1985-يىلى ، ئامېرىكا ‹‹مەيدان كېلىشىمى›› ھاسىل قىلىپ ، ياپونىيەنى يىننىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەجبۇرلىغان . بىراق ، شۇ ۋاقىتتا ياپونىيە يىنىنىڭ قىممىتى %50 ئۆستۈرۈلگەن بولسىمۇ ، ئامېرىكا ماللىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرالمىغان .