7–فېۋرال كەچ ، بىر سۇدانلىق ئايال خارتۇم دوستلۇق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ياش تۆكمەكتە
شىنخۇا تورى ۋاشىنگېتون 7–فېۋرال تېلېگراممىسى : ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 7–فېۋرال ئامېرىكىنىڭ ‹‹ جەنۇبىي سۇدان ›› نىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقوقلۇق دۆلەت بولغانلىقىنى ئىيۇلدا رەسمىي ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە سۇداننى تېررورىزىمنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان .
ئوباما باياناتىدا ‹‹ جەنۇبىي سۇدان ›› نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سايلام ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ‹‹ ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمنامىسى ›› گە ئەمەل قىلىپ ، بەزى ھەل بولمىغان مەسلىلەرنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلدى ، ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپ بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ ، ‹‹ جەنۇبىي سۇدان ›› نىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ ‹‹ تەكشى ، تىنچ ›› بولغان ئۆتكۈنچى ۋەزىيەتتىن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى .
‹‹ جەنۇبىي سۇدان ›› پۇقرالار بېلەت تاشلاش كومىتېتى 7–فېۋرال خارتۇمدا رەسمىي ھالدا ‹‹ جەنۇبىي سۇدان ›› دىكى سايلامنىڭ ئەڭ ئەخىرقى نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، يانۋاردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ، %98.83 ئامما ‹‹ جەنۇبىي سۇدان ›› نىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغان ، %1.17 ئامما دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوللىغان . سۇدان زۇڭتۇڭى بەشىر 7 ــ فېۋرال سەھەردە زۇڭتۇڭ پەرمانى چۈشۈرۈپ ، ‹‹ جەنۇبىي سۇدان ›› دا ئېلىپ بېرىلغان سايلامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ۋە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
سۇداننىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا ئىككى تەرەپ 2005 - يىلى تۈزگەن ‹‹ ئومۇميۈزلۈك تېنچلىق كېلىشىمنامىسى ›› گە ئاساسلانغاندا ، ئەگەر سۇداننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار 9 ــ يانۋاردىن 15 ــ يانۋارغىچە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۇتۇپ چىقالىسا بۇ رايونلار 9 ــ ئىيۇل مۇستەقىللىق جاكارلىسا بولىدىكەن .