تۈركىيەدە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش كېمىسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن كىنو قويۇلدى
ئىسرائىلىيە « دۆلەت زېمىن گېزىتى » ۋە تۈركىيەنىڭ بۈگۈنكى زامان تورىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش كېمىسى Mavi Marmara غا ھۇجۇم قىلغان ۋەقەنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان تۈركىيە كىنوسى 28-يانۋار تۈركىيەنىڭ ھەممە جايلىرىدا قويۇلۇشقا باشلىغان.
ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇشنى ئاساسىي تېما قىلغان كىنونىڭ ئىسمى « بۆرىلەر جىلغىسى: پەلەستىن(Valley of the Wolves: Palestine) »بولۇپ، ئوخشاش ئىسىمدىكى تېلىۋىزىيە تىياتىرىغا(كوردلار ۋادىسى: پەلەستىن) ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. بۇ كىنو تۈركىيەدە قويۇلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئىسرائىلىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى لېۋى تۈركىيە ئاخباراتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ كىنو ئىسرائىلىيەگە بۆھتان چاپلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ كىنودا ئەكىس ئەتكەن يەھۇدىيلارغا بىر تەرەپلىمە قاراشنى ھەمدە بۇ خىل يەھۇدىيلارغا قارشى شەكىلنى تەنقىدلىگەن.