ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

21 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئامېرىكا سودا بىرلەشمىسى كومىتېت يىغىنى ۋاشىنگتوندا ئېچىلدى

2010-يىلى12-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
  14 - دېكابىر ، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، 21 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئامېرىكا سودا بىرلەشمىسى كومىتېت يىغىنىغا قاتناشقان ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى سۆھبەتتىن بۇرۇن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى    شىنخۇا تورى، ۋاشىنگتون، 14 - دېكابىر تېلېگراممىسى : 21 - نۆۋەتلىك جۇڭگو
  
 
14 - دېكابىر ، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، 21 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئامېرىكا سودا بىرلەشمىسى كومىتېت يىغىنىغا قاتناشقان ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى سۆھبەتتىن بۇرۇن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

   شىنخۇا تورى، ۋاشىنگتون، 14 - دېكابىر تېلېگراممىسى: 21 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئامېرىكا سودا بىرلەشمىسى كومىتېت يىغىنى 14 - دېكابىر ۋاشىنگتوندا ئېچىلدى . جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ چىشەن ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى لو جياخۇي ، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كىرك بىلەن بىرلىكتە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى .

   بۇ يىغىننىڭ ۋاقتى ئىككى كۈن بولۇپ ، كۈنتەرتىپ بويىچە ئىككى تەرەپ 14 - دېكابىر ئالدى بىلەن كىچىك دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ ، 15 - دېكابىر ئومۇمىي يىغىننى ئاچىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە،  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قاتار ئىقتىساد - سودا قارالمىلىرىنى چۆرىدەپ كېڭىشىدۇ .

   1983 - يىلىدىن باشلانغان جۇڭگو - ئامېرىكا سودا بىرلەشمىسى كومىتېت يىغىنى جۇڭگو - ئامېرىكا ئەڭ بۇرۇن ئورناتقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىساد - سودا كېڭەش مېخانىزملىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇ مېخانىزم جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ سودا ، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردە كېڭەش ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم سەھنىسىگە ئايلاندى .

   20 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئامېرىكا سودا بىرلەشمىسى 2009 - يىلى ئۆكتەبىردە خاڭجۇدا ئېچىلغان.

 
جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ چىشەن (سولدا) بىلەن ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى لو جياخۇي يىغىندىن بۇرۇن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى
( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!