ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ روسىيە ئاخبارات تورىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، روسىيە ئالاھىدە قىسىملىرى چېچىنىيەدە ئېلىپ بارغان بىر ئالاھىدە ھەركەتتە چېچەن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ رەھبىرى دوكۇ ئۆمەروۋنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق ئىسپاتى يوق ئىكەن.
ئەھۋالنى بىلگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە:« بەزى خەۋەرلەردە، ئۆمەروۋ ۋە ئۇنىڭ قوراللىق تەشكىلاتى ئىككى ھەپتە ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلدى دېيىلگەن. نۆۋەتتە، بىر قىسىم ئالاھىدە قىسىملار چېچىنىيەنىڭ چەت ئورمانلىقىدا ئىكەن... ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دوكلات يوق ئىكەن» .
ئۆتكەن نەچچە يىلدا، چېچەن قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئۆمەروۋنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئائىت كۆپ قېتىم خەۋەر بېرىلگەن، ئەمما كېيىن يالغانلىقى ئىسپاتلانغان.
شىمالىي كاۋكاز قوراللىق كۈچلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن شامىل باسايېۋ، غالىم سەيدۇللايېۋ، ئاسلان ماسغادوۋ، ئەمىر ئىبن ئەل غاتتاب ۋە باشقا رەھبەرلەر ئۆتكەن نەچچە يىلدا روسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن ئىدى.