
مېدۇزا كۆلى پالاۋنىڭ ئەڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى
نەچچە ئون مىڭ يىللار ئىلگىرى ، مېدۇزا كۆلى دېڭىزنىڭ بىر قىسمى ئىدى ، يەر پوستى ھەرىكىتى سەۋەبىدىن ، ئەتراپىدىكى دېڭىز كارىۋىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، بارا–بارا ئۇنى سىرتقى دېڭىزدىن ئايرىۋېتىپ ، ئادەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق شورلۇق كۆلىگە ئوخشايدىغان بىر كۆلگە ئايلاندۇرۇپ قويغان . كۆلدىكى كۆپلىگەن دېڭىز–ئوكيان جانلىقلىرى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ خوراپ تۈگىشىگە ئەگىشىپ يوقىلىپ كەتكەن ، پەقەت ئازغىنە مىكروئورگانىزملارغا تايىنىپلا ھايات قالالايدىغان بىر خىل تۆۋەن دەرىجىدىكى دېڭىز–ئوكيان جانلىقى ـــــ مېدۇزا قېپقالغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كۈشەندىلىرىنىڭ يوقىلىشى بىلەن بۇ مېدۇزىلار ئەجدادلىرى ئۆزىنى قوغداشقا ئىشلەتكەن قورال—تېنىدىكى زەھەردىن ‹‹ئايرىلىپ قالغان››. بۇنىڭ بىلەن ، پالاۋ مېدۇزا كۆلى دۇنيادىكى تەڭداشسىز زەھەرسىز مېدۇزىلارنىڭ ماكانىغا ئايلانغان. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!









