ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تۇنىستا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 14 ئادەم قازا قىلدى

2011-يىلى01-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
         شىنخۇا تورى تۇنىس 9 ــ يانۋار تېلېگراممىسى : تۇنىس ئىچكى سىياسىي ئىشلار ۋە يەرلىك تەرەققىيات مىنىستىرلىقى 9 ــ دېكابىر كەچ ئۈچىنچى نومۇرلۇق ئاخبارات ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىپ ، تۇنىسنىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىدا 8 ــ ، 9 ــ يانۋار ئۇدا يۈز بەرگەن قا
  

   

    شىنخۇا تورى تۇنىس 9 ــ يانۋار تېلېگراممىسى : تۇنىس ئىچكى سىياسىي ئىشلار ۋە يەرلىك تەرەققىيات مىنىستىرلىقى 9 ــ دېكابىر كەچ ئۈچىنچى نومۇرلۇق ئاخبارات ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىپ ، تۇنىسنىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىدا 8 ــ ، 9 ــ يانۋار ئۇدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتا 14 ئادەمنىڭ قازا قىلىپ ، 16 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان .

    ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن : تۇنىسنىڭ غەربىدىكى كادپۇلۇگلىن ۋە جەنۇبىدىكى كىچىك شەھەر لىكۇكېردا 9 - يانۋار توپىلاڭ يۈز بەرگەن بولۇپ ، لىكۇكېردىكى توقۇنۇشتا 4 ئادەم قازا قىلىپ ، ئىككى ئادەم يارىلانغان ، كادپۇلۇگلىندىكى توقۇنۇشتا ئىككى ئادەم قازا قىلىپ ئۈچ ئادەم يارىلانغان . ۋەقە يۈز بېرىپ 24 سائەت ئىچىدە ، بۇ قېتىملىق قانلىق توقۇنۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 14 كە يەتكەن .

    تۇنىس ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 9-يانۋار ئىككىنچى نومۇرلۇق ئاخبارات ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى تارقاتقان بولۇپ ، 8-يانۋار سائەت 23:00 ئەتراپىدا ، تۇنىسنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە مەركىزى كادپۇلۇگلىندا چوڭ كۆلەمدە توپىلاڭ يۈز بېرىپ ، توپىلاڭچىلار ‹‹ ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىق ›› نى باھانە قىلىپ ، شۇ يەردىكى ساقچى ئىدارىسىنى قورشىۋالغان ۋە ساقچى ئىدارىسىنىڭ يېنىغا توختىتىپ قويۇلغان بىر ساقچى ئاپتوموبىلىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن ، ئارقىدىن تاياق- توقماقلارنى كۆتۈرۈپ ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلغان . ساقچىلار ئاسمانغا ئوق ئېتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغانلىقتىن ئوق ئېتىپ ئۆزىنى قوغداشقا مەجبۇر بولغان . نەتىجىدە ، ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ ، ئالتە ئادەم يارىلانغان .

    ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 9 ــ يانۋار ئەتىگەندە 1 ــ نومۇرلۇق ئاخبارات ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىپ ، تۇنىس ۋە ئالجىرىيە چېگرىسى ئەتراپىدىكى تارا كىچىك بازىرىدا 8 ــ يانۋار كەچ سائەت 20 ئەتراپىدا توپىلاڭ يۈز بېرىپ ، توپىلاڭچىلارنىڭ ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئورگىنىنى قورشىۋېلىپ ئۇلارغا تاش ۋە ئوت تۇتاشتۇرۇلغان بوتۇلكا ئاتقانلىقىنى ھەمدە بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن ياسالغان ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن ئۆتمەكچى بولغانلىقىنى ، ساقچىلار ئوق ئېتىپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغانلىقتىن ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن توپىلاڭچىلارغا ئوق چىقارغانلىقى ، نەتىجىدە ئىككى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ نەق مەيداندا قازا قىلىپ ، سەككىز ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ، بۇنىڭ ئىچىدە يارىلانغان سەككىزەيلەننىڭ ئىچىدىكى ئۈچىنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقىنى ، بۇنىڭ بىلەن تارادىكى قوراللىق توقۇنۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ بەشكە يەتكەنلىكىنى ئېيتقان .

    ئالدىنقى ئاينىڭ 17 ــ كۈنى ، تۇنىسنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆلكە مەركىزى غەربىي دىبۇجىدتا بىر 26 ياشلىق ئوغۇل شۇ يەردىكى شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ‹‹ قاتتىق قوللۇق بىلەن ۋەزىپە ئۆتەش ›› ىدىن غەزەپلىنىپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈرگەن ، ئارقىدىن نامايىش قىلغۇچى ئامما ۋە دۆلەت مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن ۋە بىر ئادەم قازا قىلىپ ، ئىككى ئادەم يارىلانغان . ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان ياش گەرچە تۇنىستىكى ئەڭ ياخشى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ ، بىراق يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن قازا قىلغان . نەچچە كۈندىن بۇيان ، تۇنىستىكى بىر قىسىم شەھەرلەردە ئارقا ــ ئارقىدىن نامايىش ۋە توپىلاڭ كۆتۈرۈلگەن .  

   

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر