كىيوتو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،ياپونىيەنىڭ پارتىيىدىن ھالقىغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن«ياسۇكۇنى قەھرىمانلار بۇزۇرگاھىنى تاۋاپ قىلىش ئۇيۇشمىسى»نىڭ66نەپەر پارلامېنت ئەزاسى10-ئاينىڭ19-كۈنى ياسۇكۇنى قەھرىمانلار بۇزۇرگاھىنى تاۋاپ قىلغان.ياسۇكۇنى قەھرىمانلار بۇزۇرگاھى نۆۋەتتە كۈزلۈك نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزىۋېتىپتۇ.ياپونىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدا پەقەت ئاۋام يېڭى پارتىيىسىدىن كەلگەن تاكاشى مورىتا تاۋاپ قىلىشقا قاتناشقان.
تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن،كوگا مۇخبىرلارغا نۆۋەتتىكى ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشى بىلەن ياسۇكۇنى قەھرىمانلار بۇزۇرگاھىنى تاۋاپ قىلىش ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئىش،ئەگەر بىز ياپونىيەنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغدىمىساق،تاۋاپ قىلمىساق،دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىمۇ بولمايدۇ،ياپونىيەمۇ يوقىلىدۇ دېگەن.ئۇ ئىچكى كابېنت مىنىستېرلىرىنىڭ بىرىمۇ كەلمىگەنلىكىگە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!