
جۇڭگو ئاخبارات تورى 20–يانۋار تېلېگراممىسى : چەت ئەل ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، شۇ يەر ۋاقتى 19–يانۋار كەچتە ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 189 غا قارشى 245 ئاۋاز بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش لايىھەسىنى ماقۇللىدى .
خەۋەردە ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش لايىھەسىنى ماقۇللىشى بىلەن ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئۆتكەن يىلقى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا سايلىغۇچىلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى ، شۇنداقلا يەنە كېيىنكى باسقۇچتىكى داۋالاش ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ‹‹ ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئورنىنى ئىگىلەش ›› كە داغدام يول ئېچىپ بەردى ، دەپ كۆرسىتىلدى .
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كومىتېتلىرى داۋالاش لايىھىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپى ۋە داۋالاش سەۋەنلىكى دەۋا دېلوسىغا قارىتا چەكلەش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن .
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ‹‹ تېببىي داۋالاشتا ئېتىبار بېرىش ، ئاسانلىق يارىتىش پىلانى ›› غا كىرگۈزگەن تۈزىتىشلىرى توغرىسىدا ئىزدەنمەكتە . ‹‹ تېببىي داۋالاشتا ئېتىبار بېرىش–ئاسانلىق يارىتىش پىلانى ›› ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياشانغانلار ئەنئەنىۋى داۋالاش ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن لايىھەدۇر .
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ تۈزىتىش تەدبىرى ، داۋالاش ئىسلاھاتى قانۇن لايىھەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئوخشاش كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئوبامانىڭ قول قويۇشى بىلەن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، نۆۋەتتە ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئۈچ نەپەر ئەزاسى قارشى تەرەپكە تەسلىم بولۇپ ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان داۋالاش ئىسلاھاتى لايىھەسىنى قوللىغان .
ئوباما بۇلتۇر 3–ئايدا داۋالاش ئىسلاھاتى لايىھەسىگە قول قويغاندىن كېيىن ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىنى كونترول قىلىۋالغان بولۇپ ، داۋالاش ئىسلاھاتى قانۇن لايىھەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تۇنجى ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى قىلغان .
بۇلتۇر 11–ئايدا ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پارلامېنتنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا غەلبە قىلىپ ، ئاۋام پالاتاسىدا 242 ئورۇنغا ئېرىشكەن ئىدى .
18–يانۋار ، ئامېرىكىنىڭ يەنە 6 ئىشتاتى بۇ قانۇن لايىھەسىگە قارشى تۇرغان بولۇپ ، بۇ ئامېرىكىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ( 26 ئىشتات ) ئىشتاتىنىڭ بۇ خىل قانۇن لايىھەسىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .