9-يانۋار ، ‹‹ قىزىل كىيىملىكلەر قوشۇنى ›› بانكوكتا نامايىش ئۆتكۈزدى
جۇڭگو ئاخبارات تورى ، 10-يانۋار تېلېگراممىسى : تايلاندتىكى 30 مىڭغا يېقىن ھۆكۈمەتكە قارشى ‹‹ قىزىل كىيىملىكلەر قوشۇنى›› 9-يانۋار پايتەخت بانكوكتا نامايىش ئۆتكۈزۈپ ، تۇتقۇن قىلىنغان رەھبىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە بۇلتۇر ئەسكىرىي ساقچىنىڭ قوراللىق كۈچ بىلەن باستۇرۇشىدا قازا قىلغان ئەزالىرىغا تەزىيە بىلدۈردى . شۇ كۈنى ، 1000 نەپەر ئەسكىرىي ساقچى ھوشيارلىق بىلەن ھەرىكەتلىنىشكە تەييار تۇرغان بولسىمۇ ، بىراق نامايىش تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلدى .
بۇ ، بۇلتۇر ئەسكىرىي ساقچىلار ‹‹قىزىل كىيىملىكلەر قوشۇنى››نىڭ نامايىشىنى قانلىق باستۇرغاندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق نامايىش ، شۇنداقلا زۇڭلى ئابخېست ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئاينىڭ 22-كۈنى بانكوكتىكى جىددىي ھالەتنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن بۇيانقى قىزىل كىيىملىكلەر قوزغىغان تۇنجى مەيدان نامايىش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ .
‹‹قىزىل كىيىملىكلەر قوشۇنى››نىڭ رەھبىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، بۇلتۇر قوراللىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن ، ‹‹ قىزىل كىيىملىكلەر ›› چوڭ تىپتىكى يىغىلىش ئارقىلىق داۋا تەلىپىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن . ئۇلار يېڭى بىر يىلدا يېڭىچە تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلغان بولۇپ ، بۇ ھەر ئايدا قەرەللىك ئىككى قېتىم كونكېرت سموۋللۇق نامايىش ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .