ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ياۋروپا پارلامېنتى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن كورېيەنىڭ ئەركىن سودا كېلى

2011-يىلى02-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

ياۋروپا پارلامېنتى 17-فېۋرال فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگدا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن كورېيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن كورېيە كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە، تەخمىنەن %98 ئىمپورت تاموژنا بېجى بىلەن باشقا سودا چېگرا بىجىنى ئازايتىدۇ. كورېيە ياۋروپانىڭ ئاپتوموبىل، كىيىم-كېچەك ۋە توقۇلما بۇيۇملىرىدىن ئالىدىغان ئىمپورت تاموژنا بېجىنى ئازايتىدۇ ھەمدە ياۋروپا ماركىلىرىنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، ئاممىۋى ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى، يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت كەسپى جەھەتتىكى سودا توساقلىرىنى بىكار قىلىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى سودا كومىتېتىنىڭ ئەزاسى داگۇت مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئەركىن سودا كېلىشىمى ياۋروپادىكى ئېكسپورت سودىگەرلىرىنىڭ كورېيە بازىرىغا كىرىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئاسىيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە يېڭى پۇرسەت ئىزدەۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىق سىگنالى.

تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!