جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 18-فېۋرال خەۋىرى: شىياڭگاڭ ۋېنخۇي گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا سودا ئېلىكترون ئەسۋابلىرى شېركىتى (IBM) تەتقىق قىلىپ چىققان دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتىر ۋاتسون 16-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ زېھىن سىناش پىروگىراممىسى «Jeopardy! » دا ئىككى ئادەم رەقىبىنى يېڭىۋالغان. دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتىرنىڭ غەلبە قىلىشى ئېنژىنېرلارنىڭ ئىنسانلارغا ئوخشاش تەپەككۇر قىلالايدىغان ماشىنا ئادەم ياساشتا، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. IBM ۋاتسون ناملىق بۇ كومپيۇتېرنىڭ تىل ۋە تە تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى داۋالاش دىئاگنوز قويۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىشقا ئىشلىتىشنى پىلانلىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋاتسونغا ھەر خىل لۇغەت ۋە ماقالىلەر توپلىمى، يەنە « دۇنيا كىتابلار قامۇسى » قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور مىقداردىكى ھۆججەت قاچىلانغان. مۇسابىقىدە مول بىلىمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قەدىمقى تىللاردىن تارتىپ ھازىرقى مودا لاھىيلەرگىچە بولغان تۈرلۈك-تۈمەن مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە جاۋاپ بەرگەن. ھەر قېتىم سوئال سورالغاندىن كېيىىن 3 سېكنۇتقا بارمايلا، بۇ كومپيۇتېر 200 مىليون بەتتىن ئاشىدىغان مەزمۇننى چىقىرىپ بەرگەن.
مۇسابىقىدە، 4000 يىل ئىلگىرىكى Vedic ھىندىستان تارىخىدىكى قايسى ئەنئەنىۋى تىل؟ دەپ سورىغاندا، ۋاتسون « سانكىرت تىلى » دەپ جاۋاب بەرگەن، يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېزا ئىگىلىك سىياسىتىدىن تارتىپ مودا لاھىيلىگۈچىسى Marc Jacob بولغان كەڭ ساھەدىكى سوئاللارنى سورىغان.
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا، ۋاتسون 77 مىڭ 147 ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىپ چىميون بولغان، ئۇدا 74 قېتىم غەلبە قىلىپ رېكورت ياراتقان Ken Jennings ۋە تارىختىكى مۇكاپات پادىشاھى Brad Rutter نى يەڭگەن. IBM ۋاتسون ئېرىشكەن مۇكاپاتنى خەيرى-ساخاۋەت ئورگانلىرىغا ئىئانە قىلىۋېتىدىكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىت داۋالاش مەركىزى بىلەن مارىئان شىتاتى ئۇنۋېرسىتىتى تىبابەت ئىنىستۇتى كېلىشىم ئىمزالاپ، دوختۇرخانىدا ۋاتسوننى ئىشلەتمەكچى بولغان، بۇ مەزكۇر كومپيۇتېرنىڭ تۇنجى قېتىم رېئال دۇنيادا سىناق ئىشىلتىلىشى بولۇپ قالىدىكەن.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!