ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا، ھىندىستان ۋە ياپونىيەلەر ئوكىناۋا دېڭىز ساھەسىدە بىرلەشمە مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ

2011-يىلى02-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  ئامېرىكا، ھىندىستان ۋە ياپونىيەلەر ئوكىناۋا دېڭىز ساھەسىدە بىرلەشمە مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇئامېرىكا، ھىندىستان ۋە ياپونىيەلەر ئوكىناۋا دېڭىز ساھەسىدە بىرلەشمە مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ
شىنخۇا تورىنىڭ 17-فېۋرال خەۋىرى: «ھىندى مۇرىتلىرى گېزىتى » تورىنىڭ 16-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە « ياپونىيە ھىندىستان-ئامېرىكا ھەربىي مانىۋېرىغا يەنە قاتنىشىدۇ » ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان.
ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش ئارمىيىسى ئامېرىكا-ھىندىستان بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيىسى مانىۋېرىغا يەنە قاتنىشىدىكەن. نامى « Malabar » بولغان مانىۋېر ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتىنىڭ ئەڭ مەركەزلەشكەن ياپونىيە ئوكىناۋا دېڭىز ساھەسىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.
ھۆكۈمەت تەرەپ ئادىمىنىڭ دېيىشىچە، يېڭى دېھلى بىلەن توكيونىڭ كۆپلىگەن ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، ياپونىيە پاراخوتلىرى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان « Malabar » يۈرۈشلۈك دېڭىز ئارمىيىسى مانىۋېرلىرىغا قاتنىشىدىكەن.
مەنبە: شىنخۇا تورى
سۈرەتتە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى بىلەن ياپونىيە قۇرۇقلۇق قوغدىنىش ئارمىيىسى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇداپىئەلىنىش مەشىقى ئېلىپ باردى.     
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!