ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئۇگاندا سايلىمىغا بېلەت تاشلاش باشلاندى

2011-يىلى02-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: ئۇگاندا سايلىمىغا بېلەت تاشلاش شۇ يەر ۋاقتى 18-فېۋرال ئەتىگەن سائەت يەتتىدە (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12 دە) رەسمىي باشلاندى. بۇ قېتىملىق سايلامدا سايلىغۇچىلار يېڭى بىر نۆۋەتلىك پىرېزىدېنت ۋە پارلامېنتنى سايلاپ چىقىدۇ. ئۇگاندا سايلام كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتە 24 مىڭغا يېقىن بىلەت تاشلاش نۇقتىسى تەسىس قىلدى. پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشقان نامزاتلار جەمئىي سەككىز. ھازىرقى پىرېزىدېنت مۇسەۋىينى 1986-يىلدىن بۇيان تۆتىنچى قېتىم سايلامغا قاتناشتى. ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى ئىتتىپاقى كۆرسەتكەن نامزات بايجاسسى بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى دەپ قارالماقتا. مۇسەۋىينى سايلامدىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ %80 تىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھالبۇكى بايجاسسى بولسا ئۆزىنىڭ %60تىن يۇقۇرى بېلەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەڭ يېڭى ئەل رايى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇسەۋىينىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا يېڭىپ چىقىش ئېھتىماللىقى باركەن. ئۇگاندا ساقچىلىرى ۋە سايلام كومىتېتى ئاممىنىڭ ئۆزىنى بېسىۋېلىشىنى، زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. مۇخبىر پايتەخت كامپالا كوچىلىرىدا ئۇگاندا ساقچىلىرىنىڭ شەھەرنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىنى چارلاۋاتقانلىقىنى، سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت تاشلاش ئورنىدا ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرىۋاتقانلىقىنى، بېلەت تاشلاش جەريانىنىڭ تىنچ ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. مۆلچەرلىنىشىچە، سايلام 20-فېۋرال ئاياغلىشىدىكەن.

تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!