جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
ئەنگلىيە 17-فېۋرال ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى ئىلزابىت ئىككىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوبامانىڭ بۇ يىل 24-مايدىن 26-مايغىچە ئەنگلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ 2003-يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكا پىرېزىدېنتنىڭ تۇنجى قېتىم ئەنگلىيەگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە بېرىشى. ئەنگلىيەنى زىيارەت قىلىش مەزگىلىدە، ئوباما ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامىرون بىلەن ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قاتار ئىشلار توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدىكەن. ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوبامانىڭ بۇ قېتىم ئەنگلىيەنى زىيارەت قىلىشى ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇستەھكەم ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئىپادىسى. 2009-يىلى، ئوباما ئەنگلىيەگە بېرىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا، كامىرون ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولغان ۋە ئوباما بىلەن سۆھبەتلەشكەن.
تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار