جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
ماۋرىتىئۇس ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى، ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى رامگۇلام تۈنۈگۈن ماۋرىتىئۇس ئىشچىلار پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن كەلگەن جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەي پىڭ بىلەن كۆرۈشتى. ئەي پىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماۋرىتىئۇس ئىشچىلار پارتىيەسى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. ئۇ ماۋرىتىئۇس ئىشچىلار پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. رامگۇلام ماۋرىتىئۇس ئىشچىلار پارتىيەسى ۋە ماۋرىتىئۇس ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئۇزاق مەزگىللىك دوستلۇق مۇناسىۋەتنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ۋە بىر جۇڭگو پرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!