يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئارخىپ–ماتېرىياللارنى كۆرمەكتە
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەدجان مۇرتىزا خەۋىرى ، فوتوسى : ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ–ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، يېقىندا ، ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش خىزمىتى بويىچە نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى.
بۇ قېتىمقى نەق مەيدان يىغىنىغا ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى ، ئىلمىي مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرىدىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى . يىغىندا كۆپچىلىك ناھىيەلىك 1–باشلانغۇچ مەكتەپ ، 2–باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئاقتوقاي يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش خىزمىتىگە دائىر تۈرلۈك ئارخىپ–ماتېرىياللىرىنى نەق مەيداندا كۆردى ھەمدە تەجرىبە تونۇشتۇرۇش دوكلاتلىرىنى ئاڭلىدى .