شىنخۇا تورى بېيجىڭ 17–فېۋرال تېلېگراممىسى : ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 17–فېۋرال كەچ خەلق سارىيىدا بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزدى . خۇ جىنتاۋ ، ۋۇ باڭگو ، ۋېن جياباۋ ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭ ، خې گوچياڭ ، جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى پايتەخت ئىلىم ــ پەن ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ ، پانۇس بايرىمىنى تەبرىكلىدى .
خەلق سارىيى قويۇق بايراملىق كەيپىياتىغا چۆمگەن بولۇپ ، سائەت 19:45 تە ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرى خەلق سارىيىغا يېتىپ كېلىپ ، ئەدەبىيات–سەنئەت ، پەن–تېخنىكا ، مائارىپ ، نەزەرىيە ، ئاخبارات قاتارلىق ئىلىم–پەن ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پانۇس بايرىمىنى تەبرىكلىدى .
بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن رىياسەتچىلىك قىلدى . ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىلىم–پەن ساھەسىدىكى يولداشلار ، دوستلارغا بايراملىق سالام يوللىدى ۋە ئەڭ ئالىي تىلەكلىرىنى بىلدۈردى .
كېچىلىكتىكى نومۇرلاردا ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان گۈزەل ئارزۇ–ئىستەكلەر گەۋدىلەندۈرۈلدى . نومۇرلار ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، خۇ جىنتاۋ ، ۋۇ باڭگو ، ۋېن جياباۋ ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭ ، خې گوچياڭ ، جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىق رەھبەرلەر سەھنىگە چىقىپ ، ئارتىسلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەمدە بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى .