جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
سۇدان «خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ 17-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇداننىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى 16-فېۋرال سۇداننىڭ جەنۇبى رايونىدا قۇرۇلىدىغان دۆلەتنىڭ نامىنى «جەنۇبى سۇدان جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتاشقا بىردەك قوشۇلغان. باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، سۇداننىڭ جەنۇبى رايونىدىكى ئاساسلىق پارتىيە سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ باش كاتىپى باگان ئارمون 16-فېۋرال مۇنداق دېگەن: سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى بۇ پارتىيەنىڭ بايرىقىنى يېڭى دۆلەت بايرىقى قىلىشنى خالايدۇ. بۇ بايراق ئىلگىرى سۇدان جەنۇبى رايونىنىڭ رايون بايرىقى ئورنىدا ئىشلىتىلگەنىدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
سۇداننىڭ جەنۇبى رايونىدا بۇ يىل يانۋاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋاز قويۇشتا، زور كۆپچىلىك سايلىغۇچىلار جەنۇبى رايوننىڭ سۇداندىن ئايرىلىپ چىقىشىنى قوللىغان. سۇداننىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى ئىچكى ئۇرۇش قىلغان ئىككى تەرەپ 2005-يىلى تۈزگەن «ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشى» ۋە بۇ قېتىمقى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن، سۇداننىڭ جەنۇبى بۇ يىل 9-ئىيۇل ئۆتكۈنچى مەزگىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇستەقىللىقنى رەسمىي جاكارلايدىكەن. copyright by www.iz.la
تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار
ئىز تورى بەك ياخشى