جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 17-فېۋرال خەۋىرى: ئەنگىلىيە كۈندىلىك يوللانمىلار تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى گورباچېۋ يېقىندا روسىيە يۇقىرى قاتلام بايلىرىنىڭ شاللاق تۇرمۇشىنى ئەيىبلىگەن، چېلسى مۇتبول كوماندىسىنىڭ خوجايىنى رومان ئىبراموۋىچنى تىپىك ۋەكىلى دېگەن. بىرلا ۋاقىتتا، ئۇ روسىيەنىڭ ئەڭ ھوقوقلۇق ئىككى رەھبىرىنى تەنقىدلەپ، ئۆزىنىڭ پۇتىن ۋە مېدىۋىدېۋلاردىن نومۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
79 ياشقا كىرگەن گورباچېۋ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلەرنىڭ ئاممىغا ۋە ئۇلارنىڭ قىينچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن، ھەتتا روسىيە دۆلىتىنى قۇرۇشنىڭ پىرىنسىپىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى دېگەن. ئۇ:« بۇ بايلار چۈشكۈنلەشتى، ئۇلارنىڭ غايىسى ئىبراموۋىچ بىلەن ئوخشاش. مەن مۇنداق غايىنى ئەيىبلەيمەن، مەن بۇ خىل بايلارنىڭ شاللاقلىقىدىن نومۇس قىلىمەن، مەن ئۆزەمدىن ۋە بۇ دۆلەتتىن ئۇيىلىۋاتىمەن » دېگەن.
ئۇ يەنە « كېرمىلنىڭ پەيلاسوپى » دەپ تەرىپلىنىدىغان ۋىلادىسلاۋ سۇركوۋنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. گورباچېۋ:« ھازىرقى روسىيە رەھبەرلىرىگە قاراپ باقايلى، ئۇلارنىڭ تاللىغانلىرى ھەممىسى ئۆز ئادملىرى، بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرى، بىللە پۇتبول تەپكەن قوشنىسى، بىرگە ئوينىغان دوستلىرى قاتارلىق كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ » دېگەن.
گورباچېۋ يەنە روسىيە رەھبەرلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئېلىپ، ئاستا-ئاستا چەتئەلگە ئېلىپ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، دۆلەت ئىچىدە چىرىكلىككە قارشى تۇرغان ساختا قىياپەتكە كىرىۋالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە 2012-يىلدىن كېيىن كىمنىڭ روسىيە رەھبىرى بولىدىغانلىقىنى روسىيە خەلقى ئەمەس، بەلكى پۇتىن بىلەن مېدىۋىدېۋ ئىككىسى بەلگىلەيدۇ، « مەن ئۇلاردىن نومۇس قىلىمەن، خۇددى روسىيەدە جەمئىيەت، ئاساسىي قانۇن، سايلام سېستىمىسى يوقتەك، پەقەت ئۇلار ئىككىسىلا ھەممىنى بەلگىلەيدۇ. 140 مىليون روسىيە ئاممىسى نېمە ئىش قىلىدۇ؟ مۇنداق دۆلەت مۇقىم بولالامدۇ؟ » دېگەن
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!