ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

رونالدو كەسپىي پۇتبول ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    برازىلىيەلىك دۇنياغا داڭلىق پۇتبول چولپىنى رونالدو 14 ــ فېۋرال ئۆزىنىڭ كەسپىي پۇتبول ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن خەۋەر كىشىلەرنى ئويغا سالدى . 

    رونالدونىڭ كىرىستيان كۇلۇبى بىلەن بولغان توختامى بۇ يىل ئىيۇندا ئاخىرلىشاتتى . كىشىلەرمۇ ئۇنى بۇ يىل ئىيۇندا كەسپىي پۇتبول ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ دەپ پەرەز قىلغان بولۇپ ، توپ مەستەنىلىرى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز قىلغان بۇ قارارىغا ھەيران قېلىشتى .

    رونالدو مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى : ‹‹ مېنىڭ يەنە داۋاملىق توپ تەپكۈم بار ، بىراق سالامەتلىكىم بۇنىڭغا يار بەرمەيۋاتىدۇ ، ئاخىرلىشىدىغان ۋاقىت كەلدى ›› . ئىگىلىنىشچە ، برازىلىيە كىرىستيان كۇلۇبى جەنۇبىي ئامېرىكا ‹‹ئازاد قىلغۇچىلار›› لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە شاللىنىپ كەتكەنلىكىگە نارازى بولغان توپ مەستانىلىرى ، توپچىلار ئولتۇرغان ئاپتوبۇسقا تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلغان ، شۇ سەۋەپتىن ، برازىلىيەلىك داڭلىق پۇتبول چولپىنى روبېرتو كارلوس كوماندىدىن كېتىپ قالغان ، بۇ ئىشلار رونالدوغا قاتتىق تەسىر قىلغان . كىشىلەر بۇ ئىشلار رونالدونىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن كەسپىي پۇتبول ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىشىدىكى سەۋەپ دەپ پەرەز قىلماقتا . 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!