شىنخۇا تورى ماناگۋا 14 ــ فېۋرال تېلېگراممىسى ، تېگۇسىگالپا خەۋىرى : بىر كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى 14 ــ فېۋرال سەھەردە گوندۇراس مەركىزى تېگۇسىگالپاغا يېقىن جايدا چۈشۈپ كېتىپ ، ئىككى نەپەر ئۇچقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايروپىلاندىكى 14 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان .
گوندۇراس خەلق ئاۋىئاتسىيەسى باشقۇرۇش ئىدارىسى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بايانات ئېلان قىلىپ ، بۇ ئايروپىلاننىڭ شىمالدىكى شەھەر سان پېدروسارا بىلەن تېگۇسىگالپاغا قاتنايدىغانلىقىنى ، شۇ كۈنى سەھەر 7 دىن 30 ئەتراپىدا يەر يۈزى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ، ئارقىدىن ساقچىلارنىڭ پايتەختنىڭ جەنۇبىدىكى 30 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدىن ئايروپىلان سۇنۇقلىرىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان .
ھايات قالغانلارنى ئىزدەشكە مەسئۇل تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىم مۇخبىرغا 12 يولۇچى ۋە بىر نەپەر ئۇچقۇچىنىڭ نەق مەيداندا قازا قىلغانلىقىنى ، يەنە بىر ئۇچقۇچىنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ بىراق داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقىنى ، قازا قىلغانلار ئىچىدە بۇ دۆلەتنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبىرى ئىسرائىل سارىناس ۋە گوندۇراس تۇرالغۇ ئۆي ۋە ئاممىۋى قاتناش قۇرۇلۇشى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رودولف لوۋىرىس بارلىقىنى ئېيتقان .
نۆەتتە ، گوندۇراس ساقچى تەرەپ ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئەتراپىدىن ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ .