ھاجىگۈل ھاشىم، پاتىگۈل ئابدۇروسۇل خەۋىرى : مەكىت ناھىيەسى ‹‹11 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى قەرەلىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ياردەم پۇلىدىن 98 مىليون 360 مىڭ يۈەننى دېھقانلارغا ۋاقتىدا تارقىتىپ، ئۇلارنى خۇش قىلدى.
بۇ ناھىيەنىڭ قۇرما يېزىسىدىكى ئەھمەد روزى بىزگە: مەن بۇلتۇر ھۆكۈمەتنىڭ 24 مىڭ يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلىغا 58 مىڭ 500 يۈەن قوشۇپ تىراكتور سېتىۋالدىم. ھۆكۈمەت بىزگە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋالساق تولۇقلىما بېرىپلا قالماي، يەنە تېرىغان بۇغدايلىرىمىزنىڭ ھەر موسىغا 90 يۈەندىن تولۇقلىما بەردى، كېۋەز تېرىساقمۇ سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق تولۇقلىمىسى بەردى. ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، دېدى.
ئۇقۇشىمىزچە، بۇ ناھىيە بەش يىلدىن بۇيان، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇلغان يەر پۇلى، سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق تولۇقلىما پۇلى، ئاشلىق بىۋاسىتە تولۇقلىما پۇلى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش تولۇقلىمىسى قاتارلىق تولۇقلىما پۇلىدىن 98 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى دېھقان – چارۋىچىلارغا تارقاتقان.