ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

سۇرىيەلىك بلوگىر قىز 5 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

2011-يىلى02-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  سۇرىيەلىك بلوگىر قىز 5 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندىسۇرىيەلىك بلوگىر قىز 5 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 16-فېۋرال خەۋىرى: ئىنسانىي ھوقوق قوغدىغۇچى زاتلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، گەرچە ئامېرىكا بلوگ يازغۇچى Tal al-Mallouhi نى قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سۇرىيە ئالاھىدە بىخەتەرلىك سوتى 14-فېۋرال ئاخباراتنى چەتئەلگە ئاشكارىلاپ قويدى دېگەن سەۋەب بىلەن 19 ياشلىق بۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىسىنى 5 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان.
مالوخى 2009-يىلى 17 يېشىدا قولغا ئېلىنغان. ئىنسانىي ھوقوق قوغداش زاتلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، مالوخىنىڭ 5 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى سۇرىيە دائىرلىرىنىڭ تۇنىس ۋە مىسىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىشىنىڭ باشقا بىر ئالامىتى ئىكەن.
مالوخى توردا ماقالە ئېلان قىلىپ، سۇرىيەنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىشقا تەلپۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سوتسىيال گۈللىنىش پارتىيىسى سۇرىيەنى ئۆتكەن 50 يىلدا ئىزچىل كونترول قىلىپ كەلگەن.
پەلەستىن مەسىلىسىگە قارىتا، مالوخى ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوبامادىن كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىشىنى تەلەپ قىلغان. نەچچە ئاي ئىلگىرى، بىخەتەرلىك سوتى « مەخپىي ئاخباراتنى چەتئەلگە ئاشكارىلىدى » دېگەن جىنايەت بىلەن ئۇنى ئەيىبلىگەن.
ئاق ياغلىق ئارتقان مالوخى سوتقا چىققاندا ساقچىلار قاتتىق ھوشيار ھالەتتە تۇرغان بولۇپ، كىشىەن سېلىنغاندىن سىرت يەنە كۆزى ئىتىپ قويۇلغان.
مالوخى سوت ھۆكۈمىتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇتتەك قېتىپ قالغان، بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان. ئۇنىڭ ئانىسى سوت مەھكىمىسىنىڭ سىرتىدا ساقلاۋاتقان بولۇپ، قىزىنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن كۆزلىرى ياشقا تولغان.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!