ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىسرائىلىيە سۇرىيەگە بارىدىغان ئىران ئۇرۇش پاراخوتىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

2011-يىلى02-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  ئىسرائىلىيە سۇرىيەگە بارىدىغان ئىران ئۇرۇش پاراخوتىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردىئىسرائىلىيە سۇرىيەگە بارىدىغان ئىران ئۇرۇش پاراخوتىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى Lieberman ئىشخانىسى باياناتىدا ئىسرائىلىيە « ئىغۋاگەرچىلىككە مەڭگۈ سەل قارىمايدۇ » دېدى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 17-فېۋرال خەۋىرى: ئەنگىلىيە BBC تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتنى سۇۋەيىش قانىلى ئارقىلىق ئوتتۇرا دېڭىزغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئىسرائىلىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى ئىراننىڭ بۇ قىلمىشى بىر خىل ئىغۋاگەرچىلىك، ئىسرائىلىيە ھەرگىز كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىۋالمايدۇ دېگەن.
ئىسرائىلىيە دېپلوماتىيە مىنىسىتىرى يەنە ئىراننىڭ ئۇرۇش پاراخوتى سۇرىيەگە ئاتلىنىدىكەن. مۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل كۆرۈلۈپ باقمىغان دېگەن.
ئىسرائىلىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراننىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سۇۋەيىش قانىلىس ترانسىپورت شېركىتىنىڭ دېرىكتورى ھەر قانداق ھەربىي پاراخوت ئۆتۈش ئۈچۈن مىسىر دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ئەمەلدارىغا 48 سائەت ئىلگىرى ئىلتىماس سۇنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!