ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

شىخۇدا بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كەتتى

2011-يىلى02-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    14 ــ فېۋرال ، كەچ سائەت 20 دىن 20 ئەتراپىدا ، شىخۇ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتى ئەسلىدىكى 312 ــ دۆلەت يولى 267 كېلومېتىرلىق جايىدا بىر كارىۋاتلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كەتكەنلىك مەلۇماتىنى تاپشۇرىۋالغان بولۇپ ، شىخۇ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ئون ئوت ئۆچۈرۈش ئوفېتسېر جەڭچىسى ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى بىلەن نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ ئوتنى ئۆچۈرگەن .

    20 مىنۇتتىن كېيىن ، ئوت ئۆچۈرۈش ئوفېتسېر جەڭچىلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يىتىپ بارغاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان بولۇپ ، ئوفېتسېر جەڭچىلەر ئاپتوبۇسنىڭ ماي باكىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرانىڭ تەسىرىدە ھەر ۋاقىت پارتلاش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان .

    ئۇلار ئاپتوبۇستىكى يولۇچىلارنىڭ ساق ــ سالامەت ئاپتوبۇستىن ئايرىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ، نەق مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 50 مېتىر كېلىدىغان جايدا ئېھتىيات سىزىقى تەسىس قىلىپ ئوتنى ئۆچۈرگەن . سائەت 21 دىن 30 دا ، ئوت پۈتۈنلەي ئۆچۈرىۋېلىنغان ھەمدە ئادەم ئۆلۈش ــ يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن .

    ئىگىلنىشىچە ، بۇ يولۇچىلار ئاپتوبۇسى كۈيتۈندىن غۇلجىغا قاراپ ماڭغان بولۇپ ، شىخۇ تەۋەسىگە كەلگەندە ئاپتوبۇسقا ئوت كەتكەن . شوپۇر بىرىنچى بولۇپ ئاپتوبۇستىكى 19 نەپەر يولۇچىنى تارقاقلاشتۇرغان ئارقىدىن ‹‹ 119 ›› غا تېلېفون قىلغان .

    نۆۋەتتە ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!