ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىدىن بۇيان 32 ساقچىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى

2011-يىلى02-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   

     شىنخۇا تورى قاھىرە 14 ــ فېۋرال تېلېگراممىسى : مىسىر ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 14 ــ فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستېكا سانلىق مەلۇماتىدا ، 25 ــ يانۋاردىن باشلاپ مىسىردا زور كۆلەمدىكى ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋە قالايمىقانچىلىقتا 32 ساقچى قازا قىلغان ، 1079 ساقچى ۋە ئەسكەر يارىلانغان .

    ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىدە يەنە 99 ساقچى ئىدارىسى ۋە ئالتە تۈرمە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ ، مىسىر پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈش ــ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېلان قىلىنمىغان .

    مىسىر قوراللىق قىسمى ئەڭ ئالىي كومىتېتى 14 ــ فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىرىدىن ئىش تاشلاش ۋە جىم ئولتۇرىۋېلىشتەك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان .

    14 ــ فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ، مىسىر ھەربىي ئارمىيەسى پايتەخت قاھىرەنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى ئازادلىق مەيدانىدا تازىلاش ئېلىپ بارماقچى بولغاندا ، مەيداندىن ئايرىلىشنى خالىمىغان ئېتىرازچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان . بۇنىڭدىن باشقا نەچچە يۈز ساقچى ئازادلىق مەيدانى قاتارلىق جايلاردا نامايىش قىلىپ ، خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان . مىسىردىكى بىر قىسىم ساھەلەردە ئىش تاشلاش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ ، 16 ــ فېۋرال ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغان مىسىر پايچەك بازىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈش ۋاقتى يەنە كەينىگە چېكىندۈرۈلگەن .

    25 ــ يانۋاردىن بۇيان ، مىسىردا ئۇدا زور كۆلەمدىكى ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن بولۇپ ، ئېتىرازچىلار مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشىشىنى تەلەپ قىلغان . 11 ــ فېۋرال مۇبارەك زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن بولۇپ ، ھوقۇقىنى ھەربىي تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!