ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئىزچىل تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ

2011-يىلى02-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 15 – فېۋرال ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يانۋاردا دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %4.9، ھالقىسىمان سېلىشتۇرمىسى %1.0 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، يېمەكلىكنىڭ باھاسى%10تىن كۆپ ئېشىپ، ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان، ئاممىنىڭ باھا مۆلچەرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىلغا ئايلانغان. سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى ۋە سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكى بىلەن بولغان سېلىشتۇرمىسى ۋە ھالقىسىمان سېلىشتۇرمىسى تەڭلا ئاشقان، سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.

    بۇ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھاسىنىڭ يەنىلا %4لىكتىن يۇقىرى سەۋىيەدە ئايلىنىۋاتقانلىقىدىن، بۇنىڭدا يېمەكلىك باھاسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    يانۋاردا ئاھالىلەر ئىستېمال بۇيۇملىرى، بولۇپمۇ يېمەكلىكنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى يۇقىرى بولدى، بۇنىڭدا چاغاندىكى ئىستېمال قىزغىنلىقى، ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرى بار، يەنە تۇرالغۇ باھاسىنىڭ سىجىل ئۆرلىشى، ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى، پۇل يۆتكىلىشىنىڭ زىيادە چوڭ بولۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭمۇ تەسىرى بار بولۇپ، سەۋەبلەر ناھايىتى مۇرەككەپ.

    ھازىر، ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبتا قار، يامغۇر، ئۈششۈك ئاپىتى ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما شىمالدىكى رايونلار يەنىلا قۇرغاقچىلىقنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىيىتى ناچار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گەرچە دۆلىتىمىز ئۆي – زېمىن بازىرىنى سىجىل تەڭشەش تەدبىرلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆي باھاسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى يەنىلا ئاشماقتا. جايلاردا بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ‹‹ئىشلەمچىلەر قەھەتچىلىكى››مۇ ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولماقتا. مۇشۇنداق كۆپ خىل ئامىلنىڭ تەسىرىدە دۆلىتىمىزنىڭ مال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇشى خېلى چوڭ بېسىمغا دۇچ كەلدى.

    ئەمما شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى بۇ يىلقى مۇھىم خىزمەت قىلىپ بېكىتتى. گوۋۇيۈەن مۇۋاپىق قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتىنى پۇختا پۇل سىياسىتىگە ئۆزگەرتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار سىياسەت، تەدبىر قوللاندى، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقى ناھايىتى چوڭ بولدى.

    شۇڭا، ھازىرقى مال باھاسى ۋەزىيىتىدە، بىر تەرەپتىن، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ باھانى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن، ئارتۇقچە جىددىيلىشىپ، قورقۇپ كەتمەسلىك كېرەك. جايلار، تارماقلار مەركەزنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتچىل، ئاكتىپ ئىشلىسىلا، مال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن، 15 – فېۋرال تېلېگراممىسى)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!