ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

يېشى توشماي تۇرۇپ پېنسىيەگە چىقىپ ، بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى ئالغانلاردىن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدۇ

2011-يىلى02-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەت باج باش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشماي تۇرۇپ مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى رەسمىي بېجىرگەنلەرگە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم بويىچە بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى بېرىدىكەن، ئۇلارنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىنمايدىغان دەم ئېلىش، پېنسىيە مائاشى كىرىمىدىن ‹‹مائاش، ئىش ھەققى كىرىمى›› تۈرلىرى بويىچە شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدىكەن.

    دۆلەت باج باش ئىدارىسى مۇنداق بەلگىلىدى: يېشى توشماي تۇرۇپ پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى ئالغانلاردىن ياردەم پۇلنى مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتى بېجىرگەندىن تارتىپ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئايلارغا ئوتتۇرىچە چېچىپ تەقسىملەش بويىچە شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!