ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

باھا داۋالغۇش ئاستىدىكى تىزگىنلەش قىيىنچىلىقىغا نەزەر

2011-يىلى02-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

1–ئايلىق CPI ئېلان قىلىنىش ھارپىسىدا

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ يۈ ، ليۇ جېڭ ، ئەن بېي

    دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 15 – فېۋرال ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 1 – ئايدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى(CPI)بۇلتۇرقىغا قارىغاندا %4.9 ئۆسكەن. 2010 – يىلى 12 – ئايدا ئازراق تۆۋەنلىگەن ئۆسۈش نىسبىتى قايتىدىن ئاشقان.

    تەھلىلچىلەر: مەركىزىي بانكىنىڭ پۇل پاخاللىقى، ئىتتىك پۇل، باھانىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئەندىشىسى بولغاچقا، ئۆسۈم قوشۇش – قوشماسلىق مەسىلىسىدە ئىككىلىنىپ قالدى، ئەمدى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جەزمەن ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى قوللانماي بولمايدۇ، دېدى.

    باھا ئۆسۈش ۋەزىيىتى يەنە داۋاملىشامدۇ؟

    سېلىشتۇرما سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 1 – ئايدىكى %4.9لىك ئۆسۈش نىسبىتى 2010 – يىلى 12 – ئايدىكى %4.6لىك ئۆسۈش نىسبىتىدىن 0.3 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان؛ سېلىشتۇرما نىسبەتتىن قارىغاندا، 1 – ئايدىكى %1.0لىك ئۆسۈش نىسبىتى 2010 – يىلى 2 – ئايدىن بۇيانقى ئايلىق ئۆسۈش نىسبىتى جەھەتتە 3 – ئورۇنغا ئۆتكەن.

    دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى ئىقتىسادىي مەلۇمات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ باۋلياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر پۇل پاخاللىقى بېسىمى داۋاملىق ئېشىۋاتىدۇ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ مىقدارلاشقان ئەركىن پۇل سىياسىتى دۇنيادا كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى ۋە پۇل پاخاللىقى ئېھتىماللىقىنىڭ ئېشىشىنى كۈچەيتىۋەتتى، دۆلەت ئىچىدە مائاش تەننەرخى ئۆرلەۋاتىدۇ، يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلار ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە دۇچ كەلدى، پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ھېلىھەم كۆپ بولۇۋاتىدۇ، بۇ ئامىللار ئالدىمىزدىكى بىر مەزگىللىك پۇل پاخاللىقى خەۋپىنى كۈچەيتىۋەتتى.

    جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ يۈەنچۈن مۇنداق دېدى: باھانىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەش تەدبىرىنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرماي بولمايدۇ، ئاشلىق تەمىناتىنى ئاشۇرۇش تەدبىرىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئالتە ئايدىن سەككىز ئايغىچە ۋاقىت كېتىدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت، پۇختا پۇل سىياسىتىنى قايتىدىن ئىزىغا چۈشۈرۈش ئۈچۈنمۇ خېلى مەزگىل كېتىدۇ.

    ليۇ يۈەنچۈن مۇنداق دېدى: يېمەكلىك ۋە تۇرالغۇ باھاسى داۋاملىق ئۆرلىسە، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ تۇرمۇشى چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر پۇل پاخاللىقى ئېھتىماللىقى داۋاملىق ئاشسا، ھەممە بايلىق مەبلەغ سېلىش بازىرىغا ئېقىپ، ئىقتىسادنىڭ كۆپۈكلىشىشىنى كۈچەيتىدۇ.

    ھەم پۇل پاخاللىقىنى چەكلەش، ھەم باھانىڭ ئۆسۈشىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك

    ئىقتىسادشۇناسلار مۇنداق قارىدى: مەركىزىي بانكا ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى قارار قىلىشتا ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا قالدى، بىر تەرەپتىن، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مەركىزىي بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، بانكا ئامانەت پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى پۇل پاخاللىقى نىسبىتىدىن ئاشۇرمىسا بولمايتتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈۋېرىش ئىتتىك پۇلنىڭ ئېقىپ كىرىشى، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ ئېشىشى ھەم ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش خەۋپىنى پەيدا قىلاتتى. مەركىزىي بانكىنىڭ باشلىقى جوۋ شياۋچۈەن يېقىندا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، ئۆسۈم قوشۇش ئامالسىز چىقارغان قارار بولۇپ قالىدۇ، دېدى.

    جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىساد ئورنى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ مىڭ مۇنداق دېدى: پۇل پاخاللىقى ئېھتىماللىقىغا ئوبدان تەييارلىنىش ئۈچۈن، مەركىزىي بانكا ئۆسۈم قوشۇش يولىدا داۋاملىق مېڭىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم پەرقى داۋاملىق چوڭىيىدۇ. ئۆسۈم پەرقى خەلقئارادىكى ئىتتىك پۇلنىڭ ئېلىمىزگە تەھدىت سېلىشىدىكى ئاساسلىق تۈرتكە بولمىسىمۇ، لېكىن خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆرلەش ئېھتىماللىقى بىلەن مال – مۈلۈك باھاسىنىڭ ئۆرلەش ئېھتىماللىقىنىڭ تەسىرىدە، ئۆسۈم قوشۇش، شۈبھىسىزكى، ئىتتىك پۇلنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى تېزلىتىدۇ.

    ‹‹تاناسىپ بولمىغان ئۆسۈم ئۆستۈرۈش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، باجنى ئازلىتىش›› تەكلىپى

    تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئۆسۈم ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئامالسىز تاللاش دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى نامايان قىلىپ، ماكرولۇق تەڭشەشكە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، شۇنىڭ ئۈچۈن سىياسەت قورالىنى جەزمەن لايىقىدا، تەڭپۇڭ ئىشلىتىش كېرەك.

    جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پۇل مۇئامىلە تەتقىقات ئورنى پۇل نەزەرىيەسى ۋە سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ تاۋ مۇنداق دېدى: تاناسىپ بولمىغان ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادنى مۇقىم يۈكسەلدۈرۈشنىڭ زىددىيىتىنى بېسىشتا كېرەككە كېلىپ قېلىشى مۇمكىن، ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى كۆپرەك، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى ئازراق ئۆستۈرۈش ئارقىلىقمۇ ھەم ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتى پۇل پاخاللىقى نىسبىتىدىن تۆۋەن بولۇپ قېلىش سەۋىيەسىنى تۆۋەنلەتكىلى، ھەم كارخانىنىڭ قەرز پۇل ئېلىش بېسىمىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش سەۋەبلىك كارخانىنىڭ تىجارىتى قاتماللىشىپ قالىدىغان ئەھۋالدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: مالىيە – باج ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاھالىلەر ۋە ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېجىنى ئازايتىشمۇ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشتىكى ئىككىلىنىشنى تۈگىتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى.

    ۋۇ جىڭليەن مۇنداق دېدى: تېخنىكا، بىلىم، ئۇچۇرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىكى رولىنى كۈچەيتىپ، بۇ ئارقىلىق ئادەتتىكى ئەمگەكچىلەر بىلەن كەسپىي ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاخىرقى ھېسابتا ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادتىكى سالمىقىنى ۋە ئىقتىسادنىڭ ساغلام راۋاجلىنىش دەرىجىسى بىلەن ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرماي بولمايدۇ، مۇشۇنداق بولغاندىلا، سىياسەت جەھەتتە تەڭلىكتە قالماسلىقنىڭ تۈپ يولىنى تاپقىلى بولىدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!