مۇھەممەد نىياز خەۋىرى : ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹12 – بەش يىل››دا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 131 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى ئورۇنلاشتۇردى، بۇ ‹‹11 – بەش يىل›› دىكىنىڭ 4.33 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىغا 42 مىليارد 600 مىليون يۈەن، سۇ بايلىقىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا 82 مىليارد يۈەن، سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا 6 مىليارد يۈەن، باشقا مەخسۇس قۇرۇلۇشلارغا 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش كوئېففىتسېنتى ئاشۇرۇلۇپ، ھەر يىلى 500 مىليون كۇب مېتىر سۇ تېجەپ قېلىنىدىكەن. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، ئىجىتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىدا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئېھتىياجىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ۋادىلار ۋە رايونلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئومۇمىي سۇ مىقدارىنى ئۆلچەم بويىچە كونترول قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئومۇمىي سۇ مىقدارىنى ئازايتىپ، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە ئېچىشنى چەكلەپ، سۇ سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلايدىكەن.