ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

بۇلتۇر توقسۇدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يەرلىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشتى

2011-يىلى02-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    مۇھەممەد تۇراپ خەۋىرى : بۇلتۇر توقسۇ ناھىيەسىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئەۋزەل كەسىپ، كارخانا، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋە سانائەت ئىقتىسادىنىڭ سىجىل راۋاجلىنىشىنى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەپ، ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى.

    ئۇقۇشىمچە، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە ناھىيەدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇقى 1 مىليارد 346 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 436 مىليون يۈەن ئاشقان. تارقىتىلغان قەرز پۇل 1 مىليارد 453 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 220 مىليون يۈەن ئاشقان. بۇنىڭ بىلەن بۇلتۇر بۇ ناھىيەنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد 550 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلىدىكىدىن 244 مىليون يۈەن ئاشقان، مالىيە كىرىمى 280 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلىدىكىدىن 110 مىليون يۈەن ئاشقان، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 6169 يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلىدىكىدىن 1676 يۈەن ئېشىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان.

    ئىستاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ناھىيەدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ بۇلتۇر يىل ئاخىردىكى قىسقا مۇددەتلىك قەرز پۇل قالدۇقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل قالدۇقى ئېشىپ، ئېنېرگىيە، بايلىق، سۇ ئىنشائاتى، جامائەت ئەسلىھەلىرى ۋە سانائەت تەرەققىياتىنىڭ مەبلەغقە بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلغان. خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، باغۋەنچىلىك، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، يېزىلاردىكى قاتناش – تىرانسپورت قاتارلىق ساھەلەرگە سېلىنىدىغان مەبلەغ ئاشۇرۇلغان. ئولتۇراق ئۆي ۋە ئاپتوموبىل سېتىۋالغۇچىلارغا بۇلتۇر 9 مىليون 390 مىڭ يۈەن قەرز پۇل تارقىتىلغان بولۇپ، 2009 – يىلىدىكىدىن 2 مىليون 170 مىڭ يۈەن ئېشىپ، ئىستېمال قەرز پۇل بازىرىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!