
جۇڭگو ئىقتىساد تورى 14-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، مارك زۇكېربېرگ(Mark Zuckerberg) ئالدىنقى ئايدىكى جۇڭگودا قىسقا مۇددەتلىك زىيارىتى بازاردا داڭلىق ئالاقە تورىFacebook جۇڭگوغا كىرىشى مۇمكىن دېگەن قىياسلارنىڭ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دىققەتنى تارتىدىغىنى، Facebook يېقىندا شىياڭگاڭدا تىجارەت ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەردىكى تور بازىرىنى كېڭەيتكەن.
بىراق، Facebook نىڭ يېڭى بازارلارنى كېڭەيتىشكە مەسئول مۇئاۋىن لېدىرى بلېيك چاندلى(Blake Chandlee) بۈگۈن(14-فېۋرال) نۆۋەتتە Facebook نىڭ تېخى جۇڭگوغا كىرىش پىلانىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ گەرچە جۇڭگو 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە مۇھىم بازار بولسىمۇ، ئەمما Facebook نىڭ جۇڭگودا مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىشنىڭ كونكرېت پىلانىنىڭ ھەقىقەتەن يوقلىقىنى ئېيتقان. ئۇ نۆۋەتتە جۇڭگوغا كىرىشنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاشكارا ماتىرىياللاردىن كۆرسىتىلىشىچە، Facebook تورى 2007-يىلى cn تور نامىنى تىزىمغا ئالدۇرغان، 2008-يىلى 3-ئايدا لى جىياچېڭ Facebook قا 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان، شۇ يىلى 6-ئايدا،Facebook ئاددىي خەنزۇچە خېتىدىكى نۇسخىسىنى چىقارغان، شۇ چاغدا Facebook جۇڭگوغا كىرگۈدەك دېگەن ئۇچۇرلار تارقالغان.
checkfacebook.com نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، Facebook نىڭ تەيۋەندە 5 مىليون 60 مىڭ ئەزاسى بار ئىكەن. نۆۋەتتىكى Facebook نىڭ ئەزالىرى ئاساسلىقى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، تۈركىيە، فرانسىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىكەن.
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!