جەنۇبىي كورىيە LG ئېلىكترون شېركىتى تۇنجى ئۈچ ئۆلچەملىك(3D) رەڭلىك ئېكرانلىق ۋە سېتېرېئولۇق سۈرەتكە تارتىش ئاپپاراتى بار Optimus 3D يانفۇنىنى بازارغا سالغان، بۇ يانفۇن ئىسپانىيە بارسلونادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈسكىنلىرى يەرمەنكىسىدە رەسىمىي نامايەن قىلىغان، بۇ يىل ئەتىيازدا سېتىشقا باشلايدىكەن.
LG شېركىتىنىڭ بۇ 3D يانفۇنى نۇرغۇن ئاممىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان، بۇ يانفۇن چوڭقۇر سېتېرېئولۇق ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ، ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئالاھىدە ياسالغان كۆز ئەينەك تاقاش ھاجەتسىز ئىكەن، بىۋاستە قارىغاندا 3D ئۈنۈمنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
Optimus 3D يانفۇنىغا ئوچۇق كۆزلۈك 3D تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچى سېتېرېئولۇق كۆز ئەينەك تاقاش ھاجەتسىز، 4.3 دىيۇملۇق سەزمە ئېكرانى 3D ئۆلچەملىك تۇيغۇنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، بۇ يانفۇنغا قوش كۆزنەك ئورنىتىلغان بولۇپ، ھەر بىرى 5 پېكسىللىق سۈرەت تارتىش ئاپپاراتى، ئىشلەتكۈچى ئۈچ ئۆلچەملىك سۈرەت ۋە فىلىملارنى تارتالايدۇ. قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ بىلەن قوزغىتىلىدۇ.
مەنبە: سىڭتاۋ تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!