يەر شارى تورىنىڭ 17-فېۋرال تورى: ئەنگىلىيە « كۈندۈلۈك يوللانمىلار » تورىنىڭ 17-فېۋرالدىكى خەۋىرى ئامېرىكا « دۆلەت مەسلىھەت سوراش گېزىتى » نىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، ئالما شېركىتىنىڭ لىدىرى ستوۋ جوبسنىڭ بەدىنى ئورۇقلاپ كەتكەن بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن، ئېھتىمال 6 ھەپتىلا ھايات كەچۈرەلىشى مۇمكىن ئىكەن.
جوبس ئالدىنقى ئايدا كېسەل رۇخسىتى ئالغاندىن بۇيان، سالامەتلىك مەسىلىسى دىققەتنى تارتىشقا باشلىغان ئىدى. ئامېرىكىنىڭ « دۆلەت مەسلىھەت سوراش گېزىتى » 16-فېۋرال جوبسنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرىتىنى ئېلان قىلغان، سۈرەتتىن جوبسنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئالما شېركىتى خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئشكارلىغاندىنمۇ يامان ئىكەنلىكىن كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن. سۈرەتتە جوبس ئىنتايىن ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇپ، كىيىۋالغان كىيىملىرى بەدىنىگە چوڭ كېلىپ قالغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، جوبس ئاشقازان ئاستى بېزى راكى سەۋەبلىك بەدەن ئېغىرلىقى 170 قاداقتىن 130 قاداققا چۈشۈپ قالغان، ئۇنىڭ شالاڭلاپ كەتكەن چاچلىرى ئىلگىرى دائىم خىمىيىلىك داۋالاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.
« دۆلەت مەسلىھەت بېرىش گېزىتى » يەنە بۇ يىل 2-ئاينىڭ 8-كۈنى جوبس ستانفورد راك كېسەللىكلىرى مەركىزگە بېرىشتىن ئىلگىرى ئايالى بىلەن بىرلىكتە ناشتىلىق قىلغان سۈرىتىنى ئېلان قىلغان.
نۇرغۇن دوختۇرلار ئۇنىڭ دورا تەسىر قىلغان سىرتقى قىياپىتىگە ئاساسەن جوبسنىڭ راك كېسىلى ئېھتىمال قايتا قوزغالغان بولىشى مۇمكىن، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ھاياتى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ دەپ قارىغان.
مەنبە: يەر شارى تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!