ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>IT ئۇچۇرلىرى>

قىز دوستى توي قىلىشقا ئۇنىمىغانلىقى ئۈچۈن 20 يېرىگە پىچاق چېپىلىپ قازا قىلدى

2010-يىلى09-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە: يوللىغۇچى: ئەنسار
قىز دوستى توي قىلىشقا ئۇنىمىغانلىقى ئۈچۈن 20 يېرىگە پىچاق چېپىلىپ قازا قىلدى شىنخۇا تورى خەۋىرى، ئىككى يىل بۇرۇن ئاجرىشىپ كەتكەن بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن گېنەن، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان تۇڭ چياڭ ئىسىم لىق بىر ئەر بىلەن تونۇشۇپ قالغان،ھەمدە تېز
  

                                                   

                                             قىز دوستى توي قىلىشقا ئۇنىمىغانلىقى ئۈچۈن 20 يېرىگە پىچاق چېپىلىپ قازا قىلدى

شىنخۇا تورى خەۋىرى، ئىككى يىل بۇرۇن ئاجرىشىپ كەتكەن بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن گېنەن، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان تۇڭ چياڭ ئىسىم لىق بىر ئەر بىلەن تونۇشۇپ قالغان،ھەمدە تېزلا چىقىشىپ بىر ئۆيدە تۇرۇشقا باشلىغان.بۇ يىل 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۇلار  دوستلىرى بىلەن سىرتتا ئويناپ بولغاندىن كېيىن،شۇ كۈنى كەچتە ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان ئۆيىگە كېلىدۇ. ھەمدە توي خېتى ئېلىش ئىشى بىلەن جىدەللىشىپ قالىدۇ، شۇ ئارىلىقتا تۇڭ چياڭ چەيدو بىلەن گېنەننىڭ باش تەرىپىنىڭ 20 يېرىگە چېپىتىدۇ.ھەمدە نەق مەيداندا قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  جىنايەت گۇماندارى تۇڭ چياڭغا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۈلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ 2 يىل كېچىكتۇرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسىنى بېرىدۇ،ھەمدە ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە-تائاباتلىرىغا400 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەيدۇ دەپ بېكىتىلدى.
ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كەچ، ئىككىسى سىرتتا دوستلىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تۇڭ چياڭ ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپىنى قويىدۇ . ھەمما گېنەن ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئۇنىڭ توي قىلىش تەلىپىنى كەينىگە سۈرىدۇ، ھەمدە قىزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈگىگەندىن كېيىن،ئويلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، تۇڭ چياڭ ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھەمدە ئىش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرگە دەپ بولغان توي ئىشىنىڭ يوق بۇلدىغانلىقىنى ،ئۆزىنىڭ ئابروھىنىڭ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى سېزىپ،قاتتىق ئاچچىقى بىلەن كارىۋات يېنىدا ئولتۇرغان گېنەننى ئىتتىرىپ يەرگە يېقىتىدۇ، ھەمدە چەيدو بىلەن باش تەرىپىگە 20 قېتىم چېپىۋېتىدۇ. ھەمدە دەرھال قېچىپ كېتىدۇ. ئەمما ئائىلە قورۇسى دەرۋازىسى يېنىغا كەلگەندە ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا چۈشىدۇ.

 
 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!