ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىران پارلامېنت ئەزالىرى ئاممىۋى سورۇندا «ئىت چەكلەش» تەكلىپ لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو خەلقئارا لىنىيىسىنىڭ 15-ئاپرېل خەۋىرى: ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى نىڭ 14-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نەچچە ئون نەپەر ئىران پارلامېنت ئەزاسى پارلامېنتقا تەكلىپ لاھىيىسى سۇنۇپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىت چەكلەش نى تەلەپ قىلغان، ئىت قاتارلىق ھايۋانلارنى
  

 
جۇڭگو خەلقئارا لىنىيىسىنىڭ 15-ئاپرېل خەۋىرى: «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 14-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نەچچە ئون نەپەر ئىران پارلامېنت ئەزاسى پارلامېنتقا تەكلىپ لاھىيىسى سۇنۇپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا «ئىت چەكلەش» نى تەلەپ قىلغان، ئىت قاتارلىق ھايۋانلارنى پاكىز ئەمەس، ئەرمەك ھايۋان بېقىش ئىسلام ئەنئەنىسى ئەمەس دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 39 ياشلىق پارلامېنت ئەزاسى پارلامېنتقا بۇ تەكلىپ لاھىيىسىنى سۇنغان. ئۇ ئەرمەك ئىت بېقىش ئىرانلىقلارنىڭ قىممەت قارىشىغا خىلاپلىق قىلدى، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىپ كىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسەتكەن.
قانۇن لاھىيىسىنىڭ ماددىسىغا ئاساسلانغاندا، ئىتنىڭ ئىگىسى ئەرمەك ئىتنى يېتىلەپ ئاممىۋى سورۇن ياكى قاتناش قوراللىرىغا بېرىشى چەكلىنىدىكەن، تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلسا 5 مىليون رىئال (تەخمىنەن 800 ئامېرىكا دوللىرى) جەرىمانە قويىدىكەن ھەمدە 10 كۈن ئىچىدە ئەرمەك ئىتنى بىر تەرەپ قىلىدىكەن.
ئەگەر ئىت ئىگىسى بۇ ماددىغا رىئايە قىلىشنى خالىمىسا، سەھىيە دائىرلىرى ئۇ ئادەمنىڭ ئەرمەك ئىتقا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردا ئىران جەمئىيىتىدە ئىت بېقىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن، بولۇپمۇ تېھراندىكى بايلار ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى كىشىلەر ئىچىدە ئىت باقىدىغانلار كۆپەيگەن.
2010-يىلى 6-ئايدا، ئىران ئايەتۇللاسى ناسىر شېراز ئىت باققۇچىلارغا قارىتا دىننىي چەكلىمە بۇيرۇقى چىقىرىپ، ساقچىلارنىڭ ئىت ئىگىسىگە جەرىمانە قويۇش ھەمدە ئىتنى مۇسادىرە قىلىش ھوقۇقى بار دەپ بەلگىلىگەن، ئەمما قوغدىغۇچى ئىت ۋە پادا ئىتى قاتارلىق خىزمەت خاراكتېرىدىكى ئىتلار بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!