ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

دۇنيا يەر شارى كۈنى

2011-يىلى04-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    

يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇرىمانگۈل ئەخمەت ئوقۇغۇچىلارغا يەر شارىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشەندۈرمەكتە

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى ، فوتوسى : 22–ئاپرېل ، 42-قېتىملىق دۇنيا يەر شارى كۈنى . 21-ئاپرېل ، مارالبېشى ناھىيە ئاناركۆل يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ‹‹يەر شارىغا كۆيۈنۈشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ، يەر شارىنى ئاسراش ، مۇھىتنى قوغداشنى كىچىكىمىزدىن باشلايلى ››دېگەن تېمىدا تەشۋىقات–تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، يەر شارىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بايان قىلىش ، نوتۇق سۆزلەش ، رەسىم ، ھۆسنخەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەر شارىنى تونۇش ، يەر شارىنى چۈشىنىش ، يەر شارىنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئېڭىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى . 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!