ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇردۇن ئابدۇسەمەت خەۋىرى ، فوتوسى: 23–ئاپرېل ، دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى . يەكەن ناھىيەسى 22-ئاپرېل ناھىيە تەۋەسىدە ‹‹مەن كىتابنى سۆيىمەن ›› تېمىسىدا مول مەزمۇنلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ ، دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنى خاتىرىلىدى . ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى ، ناھىيەلىك شىنخۇا كىتابخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئامما ئۈچۈن سىرتقا ئېچىۋېتىش، ھەقسىز كىتاب ئارىيەت ئېلىش كارتىسى بېجىرىپ بېرىش ، ئېتىبار باھادا كىتاب سېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى ، ئارقىدىن يەكەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى ئاممىغا نومۇر ئورۇنداپ بەردى .