خانىم– قىزلار ئورۇندىغان رەڭدار سەنئەت نومۇرلىرى ، مۇسابىقە پائالىيىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كەيپىياتقا كۆتۈردى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان مەتقۇربان خەۋىرى ، فوتوسى : چىرا ناھىيەسى ‹‹1–ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى›› نى كۈتۈۋېلىش ، ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن ، 28–ئاپرېلدىن 29–ئاپرېلغىچە ناھىيەلىك تەنتەربىيە مەركىزىدە كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ ، قاتناشقان تەنھەرىكەتچى بىر قەدەر كۆپ بولغان ، تۇنجى نۆۋەتلىك ئىشچى–خىزمەتچىلەر تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى . مۇسابىقىگە ناھىيە بويىچە 25 كوماندا ، 670 نەپەر تەنھەرىكەتچى قاتناشتى .
باشلىنىش مۇراسىمىدا ، ھەرقايسى كوماندىلار مەردانە قىياپەتتە پاراتتىن ئۆتۈپ ، ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ئاممىۋى تەنتەبىيە ئىشلىرىغا بولغان قىزغىنلىقى ، كۆتۈرەڭگۈ روھى ھەقىقىي نامايان قىلىندى . ئارقىدىن قىسقا ئارلىققا يۈگۈرۈش ، ئۇزۇن ئارلىققا يۈگۈرۈش ، تۇسۇقتىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش ، پالاقتا توپ ئېلىپ يۈگۈرۈش ، ئېگىزگە سەكرەش ، يىراققا سەكرەش ، جۇڭگوچە چېلىشىش ، ۋاسكېتبول ، ۋالىبول قاتارلىق 25 تۈر بويىچە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى .
جەسۇر قىياپەتتە دۆلەت بايرىقى ئېلىپ كىرىشتىن بىر كۆرۈنۈش
ھۆرمەت قەدەمدە دۆلەت بايرىقى ئېلىپ كىرىشتىن كۆرۈنۈش
تۇنجى نۆۋەتلىك ئىشچى– خىزمەتچىلەر تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ بەلگۈسى مەيدانغا ئېلىپ كىرىلمەكتە