ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى ، فوتوسى : 29 -ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە ، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى بىلەن غالىبىيەت كىتابخانىسى بىرلىكتە ، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسى FM107.4 سەنئەت چاستوتىسىنىڭ ‹‹ شادلىق مىنۇتلىرى ›› پروگراممىسىدا ئاڭلىغۇچىلار بىلەن جەم بولۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى . پائالىيەتكە يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى يالقۇن ئوسمان ، غالىبىيەت كىتابخانىسىنىڭ مەسئۇلى يالقۇن قاھار شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىن كەلگەن پىدائىيلار ، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھۈسەنجان ئەمەت ، FM107.4 سەنئەت چاستوتىسىنىڭ باش نازارەتچىسى ھەجەرگۈل قاسىم ، مەسئۇل مۇھەررىرى ۋە نازارەتچىسى قاھار مۇھەممەت قاتارلىق رەھبەرلەر ، ئۈرۈمچى خەير -ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ‹‹ مېھرىبان ئانىلار ›› ، ‹‹ ساخاۋەتچى ئاتىلار ›› كوللىكتىپىنىڭ مەسئۇلى رەيھان قاسىم ، ھەسەنجان ئابدۇراخمان ۋە بىر قىسىم مېھرىبان ئانا ، ساخاۋەتچى ئاتىلار ۋەكىللىرى ، ‹‹شادلىق مىنۇتلىرى ›› پروگراممىسىنىڭ ئىخلاسمەن ئاڭلىغۇچىلىرى بولۇپ 150 كە يېقىن كىشى قاتناشتى . پائالىيەتكە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىنىڭ رىياسەتچىسى مەۋلۇت ئىبىراھىم بىلەن زۆھرە كېرەم رىياسەتچىلىك قىلدى .
پائالىيەت ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى . پائالىيەت باشلىنىپلا ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا ئۆزى ياقتۇرۇپ ئېيتىدىغان ناخشىدىن ئىككىنى سۇندى . ئارقىدىن پىدائىيلار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ ، ‹‹ پىدائىي ›› دېگەن سۆزگە ئېنىقلىما بەردى ھەمدە يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىقتىسادىي شارائىتى ناچار ، چەت يېزىلارغا جايلاشقان مەكتەپلەرگە قىلغان ياردەملىرىنى قىسقىچە ئومۇملاشتۇرغان ئاساستا بايان قىلدى ، پىدائىيلار ۋەكىلى بارىجان زەپەر يەنە ئۆزىنىڭ ‹‹ پىدائىي ›› ناملىق شېئېرىنى كۆپچىلىككە ئوقۇپ بەردى . ئارقىدىن مەۋلۇت ئىبىراھىم بىلەن زۆھرە كېرەم ئۆز ئارا دېئالوگ شەكىلدە يۇمۇر ئېيتىپ نەق مەيداندىكى ئاڭلىغۇچىلارغا شادلىق ئاتا قىلدى ، ئۇلارنىڭ ئېيتقان يۇمۇرلىرىغا ئاتاپ چېلىنغان چاۋاكلارنىڭ ئايىغى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى . ئارقىدىن تېپىشماق تېپىش ، باھاسىنى تېپىش ئويۇنلىرى ئوينىلىپ ، پائالىيەت كەيپىياتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى .
بىر يېرىم سائەتلىك بىۋاستە ئاڭلىتىش ۋاقتى كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىدە ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلاتتى . ئەڭ ئاخىرىدا يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ، شىنجاڭ رادىيو ئىستانىسى FM107.4 سەنئەت چاستوتىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىرلىكتە سەھنىگە چىقىپ ئاڭلىغۇچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈردى ھەمدە بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى .
ئىگىلىنىشىچە ، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى قوشۇنى 2008–يىلى يانۋاردا ئۈرۈمچى تاموژنىسى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، 1– دەرىجىلىك تەپتىش ، شىنجاڭ پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى يالقۇن ئوسمان تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ھازىرغىچە مەمۇرلار ، مۇخبىرلار ، كارخانا باشقۇرغۇچى ، كارخانا خادىملىرى ، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ، دەم ئېلىشقا چىققانلار ، ئوقۇتقۇچىلار ، ئىستۇدېنتلار ۋە دېھقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 دىن ئارتۇق مېھرىبانلىق يەتكۈزگۈچى بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان . ئىككى يىلدىن بۇيان يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ساخاۋەتچى كارخانىچى ۋە ساخاۋەتچىلەرنىڭ 1 مىليون 400 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ھەدىيە بۇيۇمىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ، 36 يېزا مەكتىپىدە ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش سىنىپى قۇرۇپ ، 400 كومپيۇتېر ، 140 كومپيۇتېر ئۈستىلى سەپلەپ بەرگەن ھەمدە ئۈچ كەنت دەرىجىلىك دېھقانلار مەدەنىيەت ئۆيىگە تېلېۋىزور ، كومپىيۇتېر ، DVD ئاپپاراتى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ياردەم قىلغان .