ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

‹‹گۇاڭخۇي›› كوماندىسى ، داۋاملىق غەيرەت قىلىڭلار!

2011-يىلى05-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

 روشەنگۈل ئابدۇراخمان

    2010 –، 2011 – يىللىق CBA مۇسابىقىسى 27 – ئاپرېل ئۈرۈمچى ‹‹قىزىلتاغ›› تەنتەربىيە سارىيىدا ئاياغلاشتى. شىنجاڭ ‹‹گۇاڭخۇي›› كوماندىسى گۇاڭدۇڭ ‹‹خۇڭيۈەن›› كوماندىسىغا يەنە بىر قېتىم ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، چېمپىيونلۇقنى قولدىن بېرىپ قويدى. بۇ، شىنجاڭ ‹‹گۇاڭخۇي›› كوماندىسىنىڭ ئۇدا ئۈچ قېتىم 2 – بولۇپ قېلىشى ھېسابلىنىدۇ. ‹‹گۇاڭخۇي›› كوماندىسى يېڭىلىپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. چۈنكى، بىر قانچە يىل ئىچىدىلا ئادەتتىكى بىر كوماندىدىن ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق كۈچلۈك كوماندىغا ئايلىنىش ھەقىقەتەن ئوڭاي ئەمەس.

    ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن گۇاڭخۇي گۇرۇھى بىرلىشىپ 1999 – يىلى 9 – ئايدا ‹‹شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كۇلۇبى››نى قۇردى. دەسلەپتە، بۇ كۇلۇب تەنھەرىكەتچى، ترېنېر كەم بولۇش، مەشىق زالى يوق بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. لېكىن، ئۇزاق ئۆتمەي دۆلەت قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ سابىق باش ترېنېرى چېن داۋخۇڭ ‹‹گۇاڭخۇي›› كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، مۇرات قاتارلىق بىر قانچە ماھىرنى تەكلىپ قىلىپ، كوماندىنىڭ دەسلەپكى ئۇلىنى سالدى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چېتىدىكى بىر كەسىپ تېخنىكا مەكتىپىنىڭ كونا تەنتەربىيە زالى كوماندىنىڭ ۋاقىتلىق مەشىق زالى قىلىندى. بۇ زال ئىنتايىن كونا بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مەشىق قىلىدىغان ئورۇن چىققانلىقىغا خۇشال ئىدى.

    قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا بىر قانچە ئاي بولغان بۇ كوماندا 2000 – يىلى مەملىكەتلىك B دەرىجىلىكلەر ۋاسكىتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئالتە مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە يېڭىپ، مەملىكەتلىك A دەرىجىلىك ئىككىنچى كوماندا قاتارىغا ئۆتتى. 2001 –، 2002 – يىللىق مەملىكەتلىك A دەرىجىلىك ئىككىنچى كوماندىلارنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 4 – لىككە ئېرىشىپ، A دەرىجىلىك بىرىنچى كوماندا(ھازىرقى CBA) قاتارىغا كىرىشكە يېقىنلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ كوماندا دۆلەت كوماندىسىنىڭ ترېنېرلىقىدىن چېكىنگەن جياڭ شىڭچۈەننى باش ترېنېرلىققا تەكلىپ قىلدى. جياڭ شىڭچۈەن كوماندا ئەزالىرىنى دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشىق قىلىش ئۇسۇلى بويىچە مەشىققە سالدى. يېرىم يىلدىن كېينكى 2002 –، 2003 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، ‹‹گۇاڭخۇي›› كوماندىسى CBAغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى ئوڭۇشلۇق قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭلىق ۋاسكىتبولچىلارنىڭ 40 يىللىق چۈشى رېئاللىققا ئايلاندى. شۇ يىلى ‹‹گۇاڭخۇي›› گۇرۇھى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ۋاسكېتبول مەشىق سارىيى سالدى. 2003 –، 2004 – يىللىق مۇسابىقە مەزگىلىدە، دۆلەت كوماندىسى جياڭ شىڭچۈەننى تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەتتى. ‹‹گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس›› كوماندىسى يەنە ‹‹ئاتا››سىز قالدى. 2004 –، 2005 – يىللىق مۇسابىقە مەزگىلىدە، كۇلۇب تەيۋەنلىك ترېنېر چيۇ دازۇڭنى تەكلىپ قىلدى. كوماندا NBA مۇسابىقىسىنىڭ تەجرىبىسىگە ئىگە بۇ ترېنېردىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ ترېنېر شىنجاڭنىڭ ھاۋاسىغا كۆنەلمەي، كوماندىنى ياخشى ئېلىپ ماڭالمىدى. ئەمدىلا باش كۆتۈرۈپ، روھى ئۇرغۇپ تۇرغان بۇ كوماندا بىرلەشمە مۇسابىقىدە 7 – ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. 2005 – ، 2006 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە 5 –، 2006 –، 2007 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە 9 – بولدى.

    مانا مۇشۇ ھالقىلىق پەيتتە، جياڭ شىڭچۈەن يەنە قايتىپ كەلدى. چۈنكى، ئۇ باشتىن باشلاپ تەربىيەلىگەن ‹‹بالىلىرى››نى مۇشۇنداقلا تاشلاپ قويۇشقا چىدىمىدى. بۇ ئۇستازنىڭ قاتتىق تەلەپ قويۇشى، كوماندىنى سىستېملىق مەشىق قىلدۇرۇشى بىلەن، بۇ كوماندا قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى. 2007 –، 2008 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، بۇ كوماندا دەسلەپكى 30 مەيدان دائىملىق مۇسابىقىدە 26 مەيدان غەلىبە قازىنىپ، 2 – ئورۇندا تۇردى. لېكىن، كۈتۈلمىگەن يەردىن كوماندا ئەزاسى گۇەن شيۇچاڭنىڭ ئامېرىكا پۇقراسىلىق سالاھىيىتى ئېنىقلىنىپ، جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن مۇسابىقە قائىدىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىندى، دەپ قارىلىپ، ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىندى. بۇ ‹‹گۇاڭخۇي›› كوماندىسى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ زەربە بولدى.

    مەغلۇبىيەت ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. 2008 – ، 2009 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ‹‹گۇاڭخۇي›› كوماندىسى ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئوڭۇشلۇق بۆسۈپ كىردى، گەرچە ئۇلار ئومۇمىي نومۇردا تۆتكە قارشى بىر نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قالغان بولسىمۇ، تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈپ، مەملىكەت بويىچە كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىغا ئۆتتى. 2009 – ، 2010 – يىللىق مۇسابىقىدە بۇ كوماندا يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، رەقىبى يەنىلا گۇاڭدۇڭ ‹‹خۇڭيۈەن›› كوماندىسى بولدى. بۇ قېتىممۇ ئۇلار ئوخشاشلا تۆتكە قارشى بىر نەتىجە بىلەن رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى. 2010 – ، 2011 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە شىرئەلى، مۇرات، مەۋلان، مەردان قاتارلىق بىر تۈركۈم ماھىرلار يېتىشىپ چىقىپ، كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى بولۇپ قالدى. باتېر، جاڭ چىنپېڭ، شۈ گوچۇڭ بىلەن چەت ئەلدىن تەكلىپ قىلىنغان ئىككى ماھىرنى قوشقاندا، كوماندىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى خېلى پۇختا بولدى. بۇ يىللىق دائىملىق مۇسابىقىدە ‹‹گۇاڭخۇي›› كوماندىسى 31 مەيدان يېڭىپ، بىر مەيدان يېڭىلىشتەك ئىپتىخارلىق نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلغان شاللاش مۇسابىقىسىدە ئوخشاشلا بىرگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا بېيجىڭ ۋە جياڭسۇ كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا ئۈچىنچى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، ئۇلارنىڭ رەقىبى يەنە شۇ گۇاڭدۇڭ ‹‹خۇڭيۈەن›› كوماندىسى ئىدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. گۇاڭخۇي كوماندىسى بىرىنچى مەيداندا سەككىز نومۇر پەرق بىلەن رەقىبىنى يەڭدى، ئىككىنچى مەيداندا بەش نومۇر پەرق بىلەن يېڭىلىپ قالدى، ئۈچىنچى مەيداندا 33 نومۇر پەرق بىلەن رەقىبىنى يەڭدى، لېكىن تۆتىنچى مەيدانغا كەلگەندە 122 گە قارشى 87 نومۇرلۇق چوڭ پەرق بىلەن يېڭىلىپ قالدى. بەشىنچى مەيداندا خېلى تىركىشىپ ئوينىغان بولسىمۇ ئالتە نومۇرلۇق پەرق بىلەن يېڭىلىپ قالدى. ئالتىنچى مەيدان تولىمۇ مۇھىم ئىدى، ئەگەر يېڭىۋالسا ھەل قىلغۇچ يەتتىنچى مەيدان كۈچ سىنىشىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولاتتى. لېكىن نەتىجە ئۇنداق بولمىدى. ئەمەلىي كۈچى زور گۇاڭدوڭ كوماندىسى ئون نومۇر پەرق بىلەن ‹‹گۇاڭخۇي›› كوماندىسىنى يېڭىپ، يېقىنقى سەككىز يىل ئىچىدىكى يەتتىنچى قېتىملىق چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

    شىنجاڭ ‹‹گۇاڭخۇي›› كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى گۇاڭدوڭ كوماندىسىدىن كەم ئەمەس. ئاساسلىقى، ‹‹گۇاڭخۇي›› كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ تەجرىبىسى يېتەرسىز، روھى بېسىمى بىر ئاز ئېغىر بولۇپ قالدى. ‹‹گۇاڭخۇي›› كوماندىسى يەنە بىر قېتىم 2 – بولۇپ قالغان بولسىمۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ نەزىرىدە ئۇلار يېڭىلمىدى. بىز ‹‹گۇاڭخۇي›› كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ يىللىق، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە تەجرىبە – ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ھامان چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

    ‹‹گۇاڭخۇي›› كوماندىسى، داۋاملىق غەيرەت قىلىڭلار!

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!