ئۇچقۇن نۇراخۇن خەۋىرى : بورتالا ئوبلاستى تەۋەسىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مۇلازىمەت قارىشىنى ياخشىلاپ، دېھقانلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، قەرز پۇل تارقىتىش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالدى.
ئوبلاست تەۋەسىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ 20 – ئاپرېلغىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئۈچۈن تارقاتقان قەرز پۇلى 1 مىليارد 135 مىليون يۈەن بولۇپ، پىلاندىكى ۋەزىپە %108.2 ئورۇندالدى. بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ تارقاتقان قەرز پۇلى 830 مىليون يۈەنگە، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ تارقاتقان قەرز پۇلى 175 مىليون يۈەنگە، پوچتا ئامانەت بانكىسىنىڭ تارقاتقان قەرز پۇلى 66 مىليون يۈەنگە، يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ تارقاتقان قەرز پۇلى 59 مىليون يۈەنگە، جۇڭگو بانكىسىنىڭ تارقاتقان قەرز پۇلى 5 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىش قىيىنچىلىقى ھەل قىلىندى.