ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

بىن لادىن بىلەن زاۋاھىرى بۇرۇنلا تەتۈر قارىشىپ قالغان

2011-يىلى05-ئاينىڭ07-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى دېيىشىچە، ئوساما بىن لادىن بىلەن ئەل-قائىدنىڭ ئىككىنچى ئاتامانى ئەيمان زاۋاھىرى 6 يىل بۇرۇنلا ئۆز يولىغا مېڭىشقان. بۇ ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، بىن لادىننىڭ ياردەمچىسى زاۋاھىرى بىن لادىننى ئىزچىلچەتكە قاققان، زاۋاھىر
  


پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى دېيىشىچە، ئوساما بىن لادىن بىلەن ئەل-قائىدنىڭ ئىككىنچى ئاتامانى ئەيمان زاۋاھىرى 6 يىل بۇرۇنلا «ئۆز يولىغا مېڭىشقان».
بۇ ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، بىن لادىننىڭ ياردەمچىسى زاۋاھىرى بىن لادىننى ئىزچىل «چەتكە قاققان»، زاۋاھىرى 1988-يىلى بىن لادىنغا ياردەملىشىپ ئەل قائىدنى قۇرغان ھەمدە ئەل قائىدنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى ھەرىكىتىگە مەسئول بولغان. ئۇ يەنە دېيىشىچە، بىن لادىن يادرولۇق مەركەزنىڭ سىرتىغا قېقىلغان، چۈنكى ئۇ ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتىنى مەبلەغ بىلەن قوللىمىغان، بىن لادىننىڭ تەشكىلات ئىچىدىكى قوللاش نىسبىتىمۇ چۈشۈپ كەتكەن. بۇ ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار تەخمىنەن 6 يىل ئىلگىرى ئۆز يولىغا مېڭىشقان.
بىن لادىن ئۆلگەندىن كېيىن، پاكىستان بىن لادىننىڭ ئەل قائىد تەشكىلاتى ۋە يېقىنقى ھۇجۇم بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن مۇناسىۋىتى يوقىلىقىدىن بىشارەت بەرگەن، پاكىستاننىڭ بىن لادىننى تاپالماسلىقى چوڭ خاتالىق ئەمەسلىكىنى دارىتمىلىغان. بىن لادىننى ئەل قائىدتىكى يانداش شەخس قىلىپ كۆرسىتىش ئېھتىمال بۇ خىل قاراشنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىشى مۇمكىن. ئامېرىكا پاكىستاندا بىن لادىننى تاپقانلىقى ھەمدە ئاخبارات خىزمىتىدىكى خاتالىقنى تەكشۈرگەنلىكىگە نىسبەتەن، پاكىستان ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئەمەلدارى بىن لادىن بىلەن زاۋاھىرى ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا بولغانلىقىنى ئاڭلىمىدۇق دېگەن.
ئامېرىكىنىڭ تېرورلۇققا قارشى ئەمەلدارى ئىككىسى ئارىسىدا زىددىيەت بار دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، ئاخبارات دوكلاتلىرىدا مۇنداق ئۇچۇرنى ئەزەلدىن كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئاخباراتلارنى پىششىق بىلىدىغان باشقا بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى بىن لادىننىڭ مەبلەغ مەسىلىسىدە چاتاق چىققانلىقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدىغان كۈچلۈك ئىسپاتنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.
ئۇزۇندىن بۇيان، زاۋاھىرى ئەل قائىدنىڭ باش ئىستراتىگىيىچىسى ۋە ھەرىكەت قوماندانى، بىن لادىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىسى ۋە مەنىۋى داھىيسى، ئۇ دائىملىق پائالىيەتلەرگە ئاز قاتنىشىدۇ دەپ قارالدى.
ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، زاۋاھىرىنىڭ پاكىستان قەبىلىلەر رايونىدىكى بىر بازىغا بۇيرۇق چۈشۈرگەن، ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر بىن لادىنمۇ شۇ يەردە دەپ قىياس قىلغان. ئىككىسىنىڭ سىغىشالماسلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراش بىن لادىننىڭ نېمە ئۈچۈن ئاببو تاباتتىكى تۇرالغۇغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە ياردىمى بولىشى مۇمكىن.
ئاببو تاباتتىكى تۇرلغۇ 6 يىل ئىلگىرى ياسالغان، بىن لادىن بىلەن زاۋاھىرى ئادا جۇدا بولۇشتى دېگەن ۋاقىت بىلەن تەخمىنەن بىردەك. پاكىستان ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، بىن لادىن ۋە ئائىلىسىدىكىلەر تەخمىنەن 5 يىل ئىلگىرى كۆچۈپ كەلگەن.
زاۋاھىرى بىن لادىنغا ئەگىشىپ ئەل قائىدنىڭ قۇرغان ۋاقىتتا مىسىرلىق بىر دوختۇر ھەم بىر ئاشقۇن جىھاد تەشكىلاتىنىڭ داھىيسى ئىدى. پاكىستان ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، ئەل قائىدنىڭ پاكىستاندىكى ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى زاۋاھىرى پىلانلىغان.
ئامېرىكا ئىراققا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئەل قائىدنىڭ ئىراقتىكى تارماق ئورگىنى قۇرۇلغان، ئىككى قولىدىن قان تېمىپ تۇرىدىغان ئىئوردانىيەلىك ئەبۇ مۇساب زەرقەۋى رەھبەر بولغان، بىن لادىن بىلەن زاۋاھىرىنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتى بۇ چاغدا كەسكىنلەشكەن.
مەزكۇر تارماق ئورگان ئىراقتىكى شىئەلەرگە ياۋايىلارچە ھۇجۇم قوزغىدى، ھەتتا شىئەلەرنىڭ مەسچىتلىرىمۇ ئامان قالمىدى، بۇ نۇرغۇن ئىراقلىقلارنى ۋەھىمىگە سالدى ھەمدە ئەل قائىدنىڭ يەرلىك ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش تىرىشچانلىقىنى بەربات قىلدى. ئەل قائىد تەشكىلاتىغا بولغان كۈچلۈك قارشىلىق ئاخىرى ئاتالمىش «سۈننىيلار ئويغىنىشى» ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ئامېرىكا قىسىملىرىغا ياردەملىشىپ ئىراقنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. (مەنبە: ۋال كوچىسى گېزىتى تورى)
     

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!