ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

جۇڭگو ،قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ،خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ08-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

 

   سۈي يۈنيەن خەۋىرى : جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان، تاجىكىستان 6 – ماي جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ‹‹تەڭرىتاغ 2 – نومۇر (2011)››لۇق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرىنى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى مانېۋىر جۇڭگو – قازاقىستاننىڭ ‹‹تەڭرىتاغ 1 – نومۇر (2006)››لۇق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرىدىن كېيىن، ئېلىمىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ئۆتكۈزگەن قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ 2 – قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىرى ھېسابلىنىدۇ.

    مانېۋىردا ‹‹تەدبىر بەلگىلەش، قوماندانلىق قىلىش››، ‹‹تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قورال كۈچى ئارقىلىق قۇتقۇزۇش››، ‹‹نۇقتىلىق تازىلاش››تىن ئىبارەت ئۈچ مانېۋىر تۈرى تەسىس قىلىندى، ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، جۇڭگو، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئۈچ تەرەپنىڭ تۇتقۇن قىلىشقا قارشى تۇرۇش، تېررورچىلارنىڭ بازىسىنى تازىلاش ئىقتىدارى، سەۋىيەسى نامايان قىلىندى.

    بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى مۇنداق: جۇڭگو تەرەپ مەلۇم ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق شىنجاڭغا خادىم ئەۋەتىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغانلىقىنى بايقاپ، ئالاقىدار ئەھۋالنى دەرھال شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتىغا مەلۇم قىلدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى خىزمەتلەرنى تېزلىكتە قانات يايدۇردى، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك تارمىقى چېگرا رايوندا گۇمانلىق قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى بايقىدى. جۇڭگو، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ئۈچ تەرەپ ئالاقىلىشىش، مۇزاكىرە قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق ھەر قايسىسى ئۆز چېگراسى ئىچىدىكى تېررورچىلارنى رازۋېدكا قىلىپ قولغا چۈشۈردى. قولغا چۈشۈرگەن تېررورچىلارنى سوراق قىلىش ئارقىلىق يەنە بىر ئوچۇم تېررورچىنىڭ شىنجاڭنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە مەخپىي مەشىق بازىسى قۇرغانلىقى ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. شىنجاڭنىڭ ج خ ئورگىنى دەرھال تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، كۈچ توپلاپ، تېررورچىلارنىڭ بازىسىنى رازۋېدكا قىلدى، قورشىدى. ئايرىم تېررورچى ئۇنسۇرلار خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، بىر ساياھەت ئاپتوموبىلىنى بۇلاپ، بازىدىكى تېررورچىلارنىڭ چېكىنىشىگە ماسلاشماقچى بولدى. دۆلەت ۋە شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كەسپىي كۈچلىرى زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىپ، تۇتقۇنلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزدى ۋە بازىدىكى تېررورچى ئۇنسۇرلارنى تولۇق يوقاتتى.

    شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى، بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ باش قوماندانى، جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى مېڭ خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مانېۋىردا جۇڭگو، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىش ئىرادىسى تولۇق نامايان قىلىندى؛ ئېلىمىز بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ماسلىشىش مېخانىزمى يەنىمۇ قويۇقلاشتى، تېررورىزمغا بىرلىشىپ زەربە بېرىش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈلدى ۋە ئۆستۈرۈلدى؛ بۇ مەزكۇر رايوندىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى چۆچۈتۈپ ۋە ئۇلارغا زەربە بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەت ۋە بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

    شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇل ئورۇنلىرى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى، رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، دۆلىتىمىز ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن جاپپار ھەبىبۇللا، ۋاڭ جىلياڭ مانېۋىرنى كۆردى.

    

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!