ئامېرىكا بىن لادىننىڭ قىسمەن سىنئالغۇلىرىنى ئېلان قىلدىئامېرىكا بىن لادىننىڭ قىسمەن سىنئالغۇلىرىنى ئېلان قىلدى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 8-ماي خەۋىرى: ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنا 7-ماي بىن لادىننىڭ تۇرالغۇسىدىن قولغا چۈشۈرگەن قىسمەن سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ بىن لادىننىڭ پاكىستانغا يوشۇرۇنغاندا ۋەزىيەتكە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ھەمدە ئاخباراتلار ئاقىلىق ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى تارقاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
بىرىنچى پارچە فىلىمدا، ساقاللىرى ئاقارغان بىن لادىن ئەدىيالنى ئۆزىگە ئورۇۋېلىپ، ئەبجەق بىر تېلىۋىزورنىڭ ئالدىدا پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئۆزىنىڭ سۆزىگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقى ھەمدە پات-پات تىزگىنەك بىلەن ئارقا ئالدىغا تەڭشەۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. ئىككىنچى فىلىمدا، بىن لادىن ياسانغاندىن كېيىن، «ئامېرىكىلىقلارغا يېزىلغان خەت» ناملىق فىلىمنى ئالغان بولۇپ، بۇ يىل كۈزدە تارقىتىشنى پىلانلىغان ئىكەن.
كۆپ مىقداردىكى فىلىملاردىن سىرت، ئامېرىكا ئارمىيىسى يەنە بىن لادىننىڭ تۇرالغۇسدىن نۇرغۇن ھۆججەت ۋە تېلېفۇن نومۇرىنى قولغا چۈشۈرگەن، بۇلار ئامېرىكىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئەل قائىدنىڭ كۈندۈلۈك يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى چۈشۈنىشىگە ياردىمى بولىشى مۇمكىن. گەرچە بىن لادىننىڭ تۇرالغۇسىدا تېلېفۇن ۋە ئېنتىرنېت بولمىسىۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسى ئارقىلىق ئاخبارات پروگىراممىسىنى كۆرۈپ تۇرغان ھەمدە كومپيۇتىرىدا ھەر خىل ھۆججەتلەرنى يازغان.