جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 7-ماي خەۋىرى: كوتىدىۋانىڭ يېڭىدىن سايلانغان پىرىزدېنتى ئوتتارا 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىقتىسادىي پايتەخت ئابىدجاندىكى پىرىزدېنت مەھكىمىسىدە، كوتىدىۋا ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ رەئىسى پائۇل (Paul Yao NDre) غا قەسەم بېرىپ كوتىدىۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرىزدېنتى بولغان.
ئوتتارا (Alassane Ouattara) قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا «ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە قوغداپ، پۇقرالارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە ئەركىنلىكىنى، قوغداش، پۈتۈن كۈچى بىلەن دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلىدىغان» لىقىنى جاكارلىغان. ئۇ يەنە بارلىق كوتىدىۋا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ يېڭى بىر «ياراشقان ۋە بىرلىككە كەلگەن» يېڭى دەرۋنى كۈتۈۋالغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئوتتارا ھۆكۈمىتىنىڭ خادىملىرى، ئارمىيە، ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئەل ئارىسىدىكى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى مۇراسىمغا قاتناشقان.
كوتىدىۋا ئۆكتىچىلەر رەھبىرى پىرىزدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلدى كوتىدىۋا پىرىزدېنتى بەگبونى ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى