شىياڭگاڭ «ۋېنخۇي گېزىتى» نىڭ 6-ماي خەۋىرى: «بايلىق» ژۇرنىلى «ئامېرىكىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا» نىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. پارچە سېتىش ماگناتى ۋول مارت 421 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق كىرىمى بىلەن ئېكسون موبىلنى يېڭىپ بىرىنچى بولغان. گەرچە ئامېرىكا ئىستىمال بازىرى ئاجىزلاشقان بولسىمۇ، ۋول مارتنىڭ پايدىسى يەنىلا %14 ئاشقان (16 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى). يەر شارى نېفىت باھاسى ئۆسكەنلىكتىن، ئېكسون موبىىلنىڭ پايدىسى 354 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، تىزىملىكتە ئەڭ چۇل تاپقانلار قاتارىغا كىرگەن.
يەنە بىر نېفىت ماگناتى Chevron نىڭ كىرىمى %20 ئېشىپ 196 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، ئۈچۈنچى ئورۇندا مۇقىم تۇرغان. پايچىك ئىلاھى باففىتنىڭ قارمىقىدىكىBerkshire Hathaway كىرىمى %20 ئېشىپ، 136 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ھەمدە 7-ئورۇندا تۇرغان.
ھەممىباب ماشىنا شېركىتى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بارغاندىن كېيىن قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، بۇلتۇر 11-ئايدا ۋال كوچىسى پايچىك بازىرىغا قايتىپ كەلگەن، بۇلتۇرقى 15-ئورۇندىن بۇ يىل 8-ئورۇنغا چىققان. پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان Fannie Mae شېركىتى بۇلتۇر تەخمىنە 14 مىليارد زىيان تارتقان، ئەمما يېڭى ئۆلچەمگە ئاساسلانغاندا، ئورنى 81-ئورۇندىن 5-ئورۇنغا چىققان.
بارلىق كارخانىلارنىڭ بۇلتۇرقى ئومۇمىي كىرىمى %10.5 ئېشىپ، بىر تىرىلىئون 8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، ئومۇمىي پايدىسى شىددەت بىلەن %81 ئاشقان.